سۆڭەك كىسەللىكلەر

بوغۇم ياللۇغىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ۋە ئۇنى داۋالاش

بوغۇم خالتىسىنىڭ ئىششىشى ۋە ئاغرىشى بوغۇم خالتىسىغا قان يەتكۈزىدىغان قان تومۇرلارنىڭ ئىششىغانلىقىدىن (كۆيۈش ۋە سۇلۇق ئىششىش) بولغان. بوغۇمنىڭ سىرتقى يۈزىدە نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى بولۇپ، ھەرخىل ئىقتىدارلارنى تەڭشەيدۇ. نېرۋا ئاخىرقى ئۇچلىرى تېخىمۇ كۆپ قاننىڭ بوغۇمدىن ئېقىپ ئۆتۈپ، قان زەردابىدىن تېخىمۇ كۆپ سۇغا ئېرىشمەكچى بولغاندا بوغۇم خالتىسىدىكى قان تومۇرلاردا كېڭىيىش يۈز بېرىپ شۇ ئارقىلىق سۆڭەكتىكى تەمىنلەش لىنىيىسىدىن تولۇقلىمىغان ئېرىشىدۇ. 
بوغۇم يۈزىدىكى سۇ كەملىك ئېغىر زەخمىلىنىش پەيدا قىلىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن سۆڭەك يۈزى پۈتۈنلەي ئېچىلىپ قېلىپ ئاخىرىدا بوغۇم ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توقۇلمىنىڭ زەخمىلىنىشى بوغۇمنى قايتا قۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىدۇ. بوغۇم خالتىسىدىكى ھۈجەيرىلەر ھورمۇن ئاجرىتىپ چىقىرالايدىغان بولغاچقا زەخىم پەيدا بولغاندىن كېيىن (سۇسىزلىنىش سەۋەبىدىن) زەخىمگە ئۇچرىغان توقۇلما چوقۇم ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئېرىشەلەيدۇ. <<دائىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ بېسىم بوغۇم يۈزىدە زەخىم ئىزى قالدۇرىدۇ. <<دائىرلىك قايتا قۇرۇش ھورمۇنى>> زەخىم ئىزىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. 
ئەپسۇسلىنارلىقى، ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەريانى، بەلكىم بوغۇمنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئاغرىق دەسلەپتە كۆرۈلگەندىلا ھەرگىز سەل قارىماي كۈندىلىك سۇ ئىچىش مىقدارىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. ئالدى بىلەن بۇ خىل ئاغرىقنى دائىرلىك، سۇ كەملىك كېسىلى دەپ قاراش كېرەك. ئاۋۋال سۇ ئىچىش مىقدارىنى كۆپەيتىپ، بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئاغرىق يوقىماي بوغۇمدا ئىششىش كۆرۈلسە، كەسپىي دوختۇرنى تەكلىپ قىلىپ كۆرسىتىپ بېقىش كېرەك. 
بوغۇم ئاغرىش ۋە يۇقۇمسىز بوغۇم ياللۇغىنى بەدەندە سۇ كەملىكنىڭ ئالامىتى دەپ قاراشنىڭ پايدىسى باركى زىيىنى يوق. بەدەن بەلكىم بىرلا ۋاقىتتا باشقا سۇ كەملىك سىگناللىرىنى چىقىرىشى مۇمكىن. بىراق بوغۇم ئاسانلا ئېغىر زەخمىگە ئۇچرايدىغان ئورۇن. 
كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ سۇ كەملىك ھالىتىگە ھۆكۈم قىلمىقى ئىنتايىن تەس. بۇ خىل ناتوغرا سەزگۈرلۈك بەلكىم بالىلارغىمۇ ئېرىسىيەت قېلىشى مۇمكىن. ئۆسۈشى تېز بولغان بالىلاردا سۇ كەملىك كۆرۈلگەندە بوغۇملارنىڭ ئاغرىقىنى، مەيدىسىنىڭ ئېچىشقىنىنى ھېس قىلىشىدۇ. ياشلارنىڭ سۇ كەملىك سىگنالى ياشانغانلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. شۇڭا مەن يەنە كۈندىلىك ئىچىلىدىغان سۇ مىقدارىنى كۆپەيتىش ئارقىلىق بالىلاردىكى بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشنى تەشەببۇس قىلىمەن. 
تۆۋەندە كۆپچىلىك لورېنس مالون دوكتورنىڭ خېتىنى ئوقۇپ ئۆتسە، دوكتور مالون بىر تەجرىبىلىك دوختۇر ۋە مائارىپچى. ئۇ سۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغىنى داۋالىغان. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، بىزنىڭ دوختۇر كەسىپداشلىرىمىزمۇ سۇنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تېببىي قىممىتىگە دىققەت قىلىشقا باشلىغان. 

ھۆرمەتلىك باتىمەن تېببىي دوكتور:
مەن بۇ يىل 82 ياشقا كىردىم، ئەمما بەدەن شەكلىم ناھايىتى ياخشى ساقلانغان، ئەپسۇسلىنارلىقى مەن باتيىمەن دوكتورنىڭ ئالتۇندەك ياخشى سۆزلىرىنى بالدۇرراق ئاڭلىماپتىمەن. ئۇنىڭ <<سۇ ئەڭ ياخشى دورا>> ۋە <<بەل ئاغرىقى>> دېگەن كاتتا ئەسەرلىرىنى بالدۇرراق ئوقۇماپتىمەن. 
دوكتور باتىمەننىڭ خۇلاسىسى ۋە ئوكسېگېننىڭ نۇرلىرى چاقناپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ كىتابى مېنىڭ كىتابخانامدىكى گۆھەر. مەن ئۇنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن قولۇمدىكى بوغۇم ياللۇغىنى داۋالىغان ئىدىم. ئىككى ھەپتە ۋاقىت ئىچىدە ئاغرىق كۆرۈنەرلىك يەڭگىللىدى. ئۇيقۇمنىڭ سۈپىتى تېخىمۇ ياخشىلاندى، زېھنىم تولۇقلىنىپ روھىم ئۇرغۇپ تۇرىدىغان بولدى. ھازىر مەن ھاياتقا يېڭى نەزەر بىلەن قارايدىغان بولدۇم. مەن ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەممە ئىش ئاسانلىشىپ كەتكۈدەك تۇيۇلىدىغان بولدى. 
دېمەك سۇنى كۆپ مىقداردا ئىچىپ بېرىش بۇغۇم ياللۇغىنى داۋالايدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button