دىيابېت كېسەللىكلەر

سېرىق كېسەل

     سېرىق كېسەل تىبابىتىمىزدە يەرقان دەپ ئاتىلىدۇ. مۇستەقىل بىر كېسەل بولماي، بەلكى بەزى جىگەر كېسەللىكلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرنىڭ چوڭ بىر بەلگىسى. بۇ كېسەل ئۆت يولىدا توسالغۇ پەيدا بولۇپ ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆزىنىڭ تېگىشلىك ئورنىغا بارالماي تومۇرلاردىكى قان تەركىبىگە مىقداردىن كۆپ دەرىجىدە قۇشۇلغانلىقىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
      ئومۇمىي بەدەنگە سېرىقلىق چۈشكەنلىك بىلەن ئىپالىنىدۇ. بۇكېسەلنىڭ ماھىيتى ھەققىدە ئۇيغۇر تېۋىپلىرىدا ئىككى خىل قاراش بار: بەزىلەر سەپراۋى ماددا رەڭ قاندا پەيدا بولىدۇ، ئۇنى جىگەر ئايرىيدۇ دەيدۇ. يەنە بەزىلەر سەپراۋى ماددا جىگەردە كۆپ ئىشلىنىپ كېتىپ قانغا ئارلىشىپ قالغان، دەيدۇ.
       سېرىق كېسەل ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئۆت يولى توسۇلغاندىن بولغان سېرىق كېسەل. يەنە بىرى، ئۆت يولى توسۇلمايمۇ بولغان سېرىق كېسەل.
      سەۋەبى: سەپرا يولىنىڭ توسۇلۇپ قېلىشىغا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار سەۋەب بولىدۇ. ئۆت يولىدا قۇۋۋەت ئاجىزلىغانلىقىدىن سەپرا يولى تارىيىپ، قويۇق بەلغەم توسالغۇ بولۇپ، سەپرا جىگەردىن چىقالمايدۇ-دە جىگەرنى تېخىمۇ قىزىتىدۇ ۋە سەپرا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىنىدۇ ياكى ئۆت يولىنى ئۆتتە پەيدا بولغان تاش قۇرت ۋە باشقا نەرسىلەر توسۇپ ئالىدۇ ياكى ئون ئىككى بارماق ئۈچەيدە بۇ خارلار يىغىلىپ ئۆت يولىنى تارايتىپ ياكى توسۇپ قۇيىدۇ.
      سەپرا يولى توسۇلماي بولغان سېرىق كېسەلنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە: يۇقۇملۇق (ۋابا) خارەكتېرلىك سېرىق كېسەل، قوغۇشۇن، سىماب ۋە باشقىلار بىلەن زەھەرلىنىش ياكى زەھەرلىك يىلان چېقىش، بەزى جىگەر كېسەللىكىرى، داۋاملىق قەۋزىيەت بولۇش، سوغۇق تېگىشتىن كېلىپ چىققان بەزى كېسەللىكلەر، زىيادا غەم قايغۇ قاتارلىقلار.
      ئالامىتى:  دەسلەپتە كىچىك تەرەت (سۈيدۈك) سېرىق ياكى توپىرەڭ كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن كۆز ئېقى سارغىيىدۇ. لەۋلىرى، چىش تۈۋى گۆشلىرى، بېلى ۋە تېرىلىرى يىنىك دەرىجىدە سارغىيىدۇ. بۇ خىل سېرىقلىق توپىرەڭ ياكى قارامتۇل رەڭدە  بولىدۇ. تاماق ھەزىم قىلىشى بۇزۇلىدۇ. ئاغزى ئاچچىق بولىدۇ. ئىشتىھاسى يوقىلىدۇ. ياغ ۋە ياغلىق تاماقلارنى يېگۈسى كەلمەيدۇ. قورساق كۆپىدۇ. پات-پات كېكىرىدۇ. سەپرا ئۈچەيگە چۈشمىگەنلىكتىن ئارقا تەرەت ئاقۇش ۋە سېسىق كېلىدۇ. بىمار بىئارام بولىدۇ. روھسىز، ماغدۇرسىز، مىجەزى ئىتتىك ۋە خۇيلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۆت (سەپرا خىلىتى) قان ئېقىمى بىلەن ئايلىنىپ ئەسەبلەر ئۇچىنى غىدىقلىغانلىقتىن بەزى بىمارلارغا ھەر قانداق نەرسە سېرىق كۆرۈنۈدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر كېسەل ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتسە بىماردا ئايلىنىش، جۆيلۈش، تارتىشىش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا خەتەرلىك بەلگىلەر يۈز بېرىدۇ.
      داۋاسى: ئەگەر سەپرا يولىدا تاش ياكى قۇرت قاتارلىق توسالغۇ بولغان نەرسىلەر بولسا ئۇنىڭ داۋاسى جىگەرنىڭ سانجىقى ۋە قولىنجى سەپراۋى (سەپرادىن بولغان قولىنجى) لارنى داۋالاش بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ئەگەر قويۇق بەلغەم سەپرا يولىنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قويغان ۋە ئىششىق پەيدا قىلغانلىقتىن سەپرا يولى تارايغان ياكى ئېتىلگەن بولسا، سەپرانى ھەيدىگۈچى دورىلار بېرىلمەيدۇ. بەلكى قايناقسۇغا ئاشتۇزى ئارىلاشتۇرۇپ قۇستۇرۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قويۇق بەلغەم چىقىپ كېتىپ سەپرا يولى ئېچىلىدۇ. لېكىن كېسەلنىڭ دەسلىپىدە 24 سائەتكىچە سۇدا پشۇرۇلغان گۈرۈچ سۈيى ۋە ئارپا سۈيىدىن باشقا تاماق بېرىلمەيدۇ. ئسكەنجىبىن ۋە قايناق سۇلار بىلەن قۇستۇرمىسىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ھارارەتنى پەسەيتكۈچى دورىلار بىر نەچچە كۈن بېرلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن چىلاندىن 5 دانە، ئەينۇلىدىن 7 دانە،  كاسىن ئۇرۇقى، قۇرۇق مارجان شوخلىلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 6 گرام، نېلۇپەر گۈلىدىن 6 گرام ئېلىپ قايناقسۇ بىلەن دەملەپ سۈزۈپ 48 گرام بىنەپشە گۈلقېنى قوشۇپ ، ھۆل مارجان شوخلا ۋە ھۆل كاسىن يوپۇرمىقى سۈيىدىن 48 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىلىدۇ ياكى بۇ نۇسخا بېرىلىدۇ: زىرىق، كاسىن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، بەرگىناي قوغۇن ئۇرۇقى( زەمبىرەك ئوقسىمان قوغۇننىڭ ئۇرۇقى) لارنىڭ ھەر بىرىدىن 7 گرام، گاۋزىبان گۈلىدىن 3 گرام، بىنەپشە گۈلىدىن 6 گرام ئېلىپ دەملەپ سۈزۈپ 48 م ل بۇزۇرى شەربىتى ياكى ئىسكەنجىبىن بۇزۇرى، 48 م ل كۆك تۇرۇپنىڭ پاكىزلانغان سۈيىگە قوشۇپ ئىچىلىدۇ. بۇ نۇسخىلار بىر نەچچە كۈن ئىچكۈزۈلگەندىن كېيىن ماددا ۋە خىلىتلارنىڭ بۇزۇلغان قىسىمىنى چىقىپ كېتىش سالاھىيتىگە كەلتۈرگۈچى دورىلار (مۇنزىج) نى بېرىپ ئاندىن كېيىن سۈرگە دورىلار بىلەن بەدەن تازلىنىدۇ. مۇنزىج نۇسخىسى مۇنداق: بىنەپشە گۈلىدىن 6 گرام، ئۇرۇقى ئېلىنغان قىزىل ئۈزۈمدىن 9 دانە، كاسىن يىلتىزى، بادىيان يىلتىزى، كاسىن ئۇرۇقلىرىنىڭ ھەر بىرىدىن 7 گرام، ئەينۇلىدىن 7 دانە، زىرىقتىن 5 گرام ئېلىپ ئاۋۋال سۇغا چىلاپ ئاندىن دەملەپ 48 گرام گۈلقەنت ئارىلاشتۇرۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ، مۇشۇ نۇسخا بويىچە 10 كۈن ئىچىلىدۇ. بىمارنى بىر ئىككى كۈن دەم ئالدۇرغاندىن كېيىن 14-كۈنلىرى بۇ نۇسخىغا سانايى مەككىدىن 9 گرام، خىيار شەنبەر فۇلۇسىدىن 48 گرام، تەمرىھىندىدىن 36 گرام، تەرەنجىبىن، بىنەپشە گۈلقەنتلىرىدىن 48 گرام، بادام مېغىزىدىن 7 دانە ئېلىپ قوشۇپ ئىچىلىدۇ. ئارىلاپ-ئارىلاپ خېمىرى سەندەلدىن 5 گرام ئېلىپ بىر دانە كۈمۈش ۋەرەقىگە يۆگەپ يەپ، ئارقىدىن چىلاندىن 5 دانە، كاسىن ئۇرۇقى، تەرخەمەك مېغىزى بەرگناي قوغۇن مېغىزلارنىڭ ھەر بىرىدىن 6 گرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، 24 گرام بىنەپشە گۈلقەنتى سېلىپ سۈزۈپ ئاندىن كېيىن 5 گرام رەيھان ئۇرۇقىنى سېلىپ ئىچىلىدۇ.
       مىزاجىنى تەڭشىگۈچى ۋە توسالغۇلارنى ئاچقۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىپ بىر نەچچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن تۆۋەندىكى نۇسخا بېرىلىدۇ: قورس زەرىشكى ياكى قۇرس تاباشىردىن 4 گرام ئېلىپ يەپ، ئۈستىدىن 45 م ل دىن ئېلىنغان ھۆل شوخلا سۈيى ۋە ھۆل كاسىن سۇلىرىنى 45 م ل بۇزۇرى شەربىتىگە قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ.
     يۇقىرىقىلاردىن باشقا سېرىق كېسەل ئۈچۈن تۆۋەندىكى پايدىلىق يالغۇز ۋە مۇرەككەپ نۇسخىلارنى ئىشلەتسە بولىدۇ:
     1 – كاسىن ئۇرۇقىدىن 12 گرام، سۈزۈك ئاق تاش تۇزى (لاھۇر تۇزى) دىن بىر گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۇ بىلەن ئېزىپ قاينىتىپ سۈزۈپ ئېچىلىدۇ.
     2- تۇرۇپ ھۆل يوپۇرمىقنىڭ سۈيىدىن 84 م ل، قارا شېكەردىن 48 گرام ئېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ، سۈزۈپ ئىچىلىدۇ.
     3- خىنا گۈلىدىن 6 گرام ئېلىپ بىر چېنە سۇغا چىلاپ دەملەپ سۈزۈپ 24 م ل لىمۇن شەربىتىگە ئارىلاشتۇرۇپ ئون كۈن ئىچىلىدۇ ياكى 7 دانە سىياھداننى ئايال كىشىنىڭ سۈتىدە ئېزىپ بۇرۇنغا تارتىدۇ. زەھەرلىنىشتىن بولغان سېرىق كېسەلدە تەرياقى كەبىر، قۇرسى كاپۇر ئارپا سۈيى، ئېشەك سۈتلىرى بىلەن ئىچىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button