دىيابېت كېسەللىكلەر

كىملەر دىئابىت كېسىلىگە ئاسان گىرىپتار بولىدۇ

    1. جەمەتىدە دىئابېت كېسەللىك تارىخى بولسا، بۇ دىئابېت بىمرلىرىنىڭ ئاتا- ئانىسى، ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سېڭىللىرى، پەرزەنتى، شۇنداقلا Ⅱ تىپلىق دىئابېت بىمارلىرىنىڭ قوشكېزەك ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سېڭىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    2. سېمىز بالىلار ياكى تەكشۈرۈشتە ئۆز بەدەنلىك ئىممۇنىت ئانتىتېلا رېئاكسىيىسى مۇسىبەت بولغانلار.

     3. قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىچىدىكى سەمىرىپ كەتكەنلەر، بولۇپمۇ قۇرساق سېلىپ سەمىرىپ كەتكەنلەر.

     4. ئىلگىرى ھامىلىدار مەزگىلىدە دىئابېت كېسىلىگە گېرىپتار بولغانلار ياكى ھامىلدارلىقتا گلۇكوزىغا بولغان چىدامچانلىقى زەخىمىگە ئۇچرىغانلار، لېكىن تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن نورمال بولغان ئاياللار.

     5. چوڭ بوۋاق تۇغقان تارىخى بار ( ئېغىرلىقى 4 كلودىن چوڭ) ئاياللار؛ كۆپ خالتىلىق تۇخۇمدان يىغىندى ئالامىتى بار ئاياللار.

    6. قاندىكى ماي نورمال بولمىغانلار. مەسىلەن: ترىگلىستسېرىد ئۆرلەپ، يۇقىرى زىچلىقتىكى ماي ئاقسىلى تۆۋەنلەپ كەتكەنلەر.

    7. ئەنئەنىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن غەرىپلەشكەن تۇرمۇش ئۇسۇلىغا يۆتكەلگەنلەر، يېزىدىن شەھەرگە كۆچۈپ كەلگەنلەر.

    8. جىسمانىي ئەمگىكى ئاز كىشىلەر ( ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغانلار).

    9. يۇقىرى قان بېسىم ۋە چوڭ قان- تومۇر كېسەللىكىگە گېرىپتار بولغانلار. مەسىلەن: تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلى، مېڭە، قان – تومۇر كېسىلى قاتارلىقلار.

    10. 40 ياشتىن يۇقىرى كېشىلەر.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button