دىيابېت كېسەللىكلەرسەھىپە ئايرىلمىغان

دىئابېت كېسىلىنىڭ سەۋەبى نېمە؟

دىئابېت كېسەللىكى بەدەندىكى ئىنسۇلىننىڭ مۇتلەق ياكى نىسپىي يېتىشمەسلىكىدىن ياكى توقۇلمىلارنىڭ ئىنسۇلىنغا بولغان سەزگۈرلۈكىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يىغىندى ئالامەت. ئۇنىڭدا ئۇسساش، كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يېيىش، ھارغىنلىق ۋە بەدەن ئېغىرلىقى يېنىكلەش قاتارلىق كلىنكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەردە يۇقىرىقىدەك كلىنىكىلىق ئىپادىلەر كۆرۈلمەيدۇ. دىئابېت كېسەللىكى كېتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ياكى باشقا بىر خىلدىكى ئوتتۇرا خاراكتېرلىك مېتابولىزم قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارنىڭ ھاياتىغا بىۋاسىتە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە كۆپلىگەن سوزۇلما خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى، مەسىلەن: يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، سۇسىزلىنىش، بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە سەۋەپچى بولۇش ۋە مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دىئابېت كېسەللىكىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى ئېرسىيەت ئامىلى، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش، ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتىنىڭ ئۆزگىرىشى، يېمەكلىك، جىسمانىي ھەرىكەت، ھامىلدارلىق قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button