دىيابېت كېسەللىكلەرسەھىپە ئايرىلمىغان

دىئابېت بىمارلىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلەمدۇ؟

دىئابېت بىمارلىرى شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەككى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ تەھدىتى دىئابېت كېسىلى ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىدۇ. پەقەت كېسەللىك ئەھۋالىنى قانائەتلىنەرلىك كونترول قىلىپ، دىئابېتنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى يۈز بېرىشتىن ساقلىنالىسا ياكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر يېنىك دەرىجىدە كونترول قىلىنسا، بىمار بىمار پۈتۈنلەي دىئابېت كېسىلى يوق ئادەملەرگە ئوخشاش ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ. دىئابېت بىمارلىرى بۇنىڭغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئىشەنچكە ئىگە بولۇشى كېرەك. بىز بەزى بىمارلارنىڭ توغرا داۋالاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرغانلىقتىن 70-80 ياشقىچە ياشاۋاتقانلىقىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. مەسىلەن: 20-ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە يەنى ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىلغان دەسلەپكى ۋاقىتتا لونارد ئىسىملىك دىئابېت بىمارىغا 14 يېشىدا دىئاگنوز قويۇلغان ھەمدە شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسۇلىن ئىشلەتكەن. گەرچە شۇ چاغلاردا تىببىي پەن تەرەققىياتى تۆۋەن، دىئابېت كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىسىمۇ ھازىرقىدەك مول بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ 1-تىپلىق دىئابېت بىمارى 76 ياشقىچە ناھايىتى خاتىرجەم ياشىغان.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button