سۆڭەك كىسەللىكلەر

سىل مەنبەلىك يانپاش بوغوم ياللۇغى

İşeme Bozuklukları İçin Pelvik Taban Kas Eğitimi – Uygulama ve Sonuçları

يانپاش بوغۇم بوشلۇقى ۋە سان سۆڭەك بېشىغا سىل جاراسىمى ئورۇنلىشىپ بۇ يەرنى چىرىتىپ تاشلايدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئادەتتە 10 ياشتىن تۆۋەن بالىلاردا كوپ ئۇپرايدۇ. سان سۆڭەك بېشىنى چىرىتىپ ئوڭايلا مەزكۇر جايدا سۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپمۇ قويىدۇ.

ئالامىتى: كېسەللىك ئومۇمەن كىچىك بالىلاردا بولۇپ، بالا ئاقساپ ماڭىدۇ. يانپاش بوغۇمى ۋە ئىچكى تەرىپىدە ياكى تىزدا ئاغرىق بولىدۇ. يوتا ساغرىنىڭ گۆشلىرى بارغانسېرى ئورۇقلاشقا، يىگىلەشكە باشلايدۇ. ئومۇمەن بىر پۇتى ئۇزۇن ياكى بىر پۇتى قىسقا بولۇپ قالىدۇ، ساغرا چاپلىشىپ يوقۇلۇپ كەتكەندەك كۆرۈنىدۇ ۋە پاقالچاق ئىككى تەرەپكە كېرىلىپ قالىدۇ. پۇتلار سىرتقا قايرىلىپ تاش مايماق بولۇپ قالىدۇ ساغرا گۆشلىرىنىڭ يۇمشاقلىق خۇسۇسىيەت يوقۇلۇپ كېتىدۇ. بوغۇملارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى ناھايىتى ئوڭايسىزلىنىدۇ، بەزى چاغدا كېچىسى تارتىشىشلىق ئاغرىق باشلىنىدۇ، تارتىشىش تۈپەيلىدىن پاقالچاقلار ئارىلىقلىرى كېڭىيىپ كېتىشكە باشلايدۇ. بۇچاغدا قىزىتما بولىدۇ ۋە يىرىڭلىق ئىششىق ئوچۇق ئاشكارا باشلىنىدۇ. ئۇندىن كىيىن كېسەل كىشىلەرنىڭ پۇتى ياكى كاسسا ياكى ساغرىسى ئىچكى تەرەپكە مايماقلىشىپ قالىدۇ. كېسەلنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ساغرىنىڭ ئارقىسى ياكى ئۈستۈنكى توقولمىلىرى يۇمشاقلىشىپ قالىدۇ ۋە ئەنە شۇ ئاغرىق تەرەپتىكى كېسەلنىڭ پۇتى كۈندىن-كۈنگە تەدرىجىي ھالدا كىچىكلىشىشكە باشلايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button