مىۋە چىۋەنىڭ شىپالىق رولى

باناننىڭ شۆپۈكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش

Badem Kabuğu Satışı ve Fiyatları -Kabukcu

1. بانان شۆپۈكى تېرىنى سىلىق ھەم پارقىراق قىلىدۇ. بانان شۆپۈكى ئۈنۈملۈك بولغان ھۆسن تۈزەش، تېرىنى ئاسراش بۇيۇمى بولالايدۇ. ئەگەر تېرىسى قۇرغاق كىشىلەر بانان شۆپۈكىنىڭ ئىچكى قىسمىنى يۈزىگە سۈرۈپ، ئون مىنۇتتىن كېيىن يۇيۇۋەتكەندە، تېرە ئەسلىدىكى تەبىئىي پارقىراق ھالىتىگە قايتىدۇ.

2. بانان شۆپۈكى خۇرۇم سافالارنى ئاسراش بۇيۇمى بولالايدۇ. خۇرۇم سافا، ئورۇندۇقلارنى بانان شۆپۈكى بىلەن سۈرتۈپ بەرگەندە داغلارنى چىقىرىپ پاكىز قىلىدۇ.

3. بانان شۆپۈكىنى ئاياغ مېيىنىڭ ئورنىدا ئىشلەتكەندە، ئاياغ پاكىز ھەم پارقىراق بولىدۇ.

4. بانان شۆپۈكى پۇت – قول يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئىسسىق سۇ بىلەن قول – پۇتنى پاكىز يۇيغاندىن كېيىن، بانان شۆپۈكىنى قول ۋە پۇتقا سۈركەپ بەرگەندە، قول – پۇت تېرىلىرىنىڭ يېرىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر، تېرە يېرىلغان بولسا، يېرىلغان ئېغىزغا بانان شۆپۈكىنى بىر قانچە قېتىم سۈركەپ بەرسىلا ياخشى بولۇپ كېتىدۇ.

5. باناننىڭ يىلتىز قىسمىنى يارا ئېغىزىغا كۈندە تۆت – بەش قېتىمدىن سۈرۈپ، بىر قانچە كۈن داۋاملاشتۇرغاندا يارا ئېغىزىدا تېزلىكتە ياخشىلىنىش بولۇش بىلەن تېرىنى پارقىراق ھەم سىلىق ھالەتكە كەلتۈرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button