شىپالىق رېتسىپلارمىۋە چىۋەنىڭ شىپالىق رولى

مېۋە شىرنىسىنىڭ شىپالىق رولى

Hazır meyve suları zararlı mı? - Son Dakika Haberleri

مېۋە شىرنىسى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدا بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان ئىچىملىك بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

مېۋە شىرنىسى تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلار بولىدۇ.

مېۋە شىرنىسى بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى كۈچەيتىپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

مېۋە شىرنىسى ھەزىم قىلىش سىستېمىسى، سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ۋە نەپەس يولىدا راك كېسىلى پەيدا بولۇش خەۋپىنىڭ يېرىمىنى ئازايتىدۇ، يەنە ئارتېرىيە قېتىشىش، قاندا ياغ كۆپ بولۇش ۋە تاجىسىمان ئارتېرىيىلىك يۈرەك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

مېۋە شىرنىسى تەركىبىدە شېكەر مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى، ئۇخلاشتىن بۇرۇن مېۋە شىرنىسى ئىچسە، ئاسانلا قاننىڭ يېپىشقاقلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرى پەيدا  بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قان شېكىرىنى تىزگىنلەشكىمۇ ئىنتايىن پايدىسىز بولىدۇ.

مېۋە شىرنىسى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلىنسا يۈرەك، بۆرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئادەمدە دەككە-دۈككە بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، پات-پات سىيىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ھەزىم قىلىش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى پەيدا بولىدۇ.

مېۋە شىرنىسىنى ھاراق بىلەن بىللە ئىستېمال قىلماسلىق، ئۇنىڭ ئادەم بەدىنىنىڭ ئىسپىرتنى شۈمۈرۈشىنى تېزلىتىپ، ئاشقازان، جىگەر، بۆرەككە ئېغىر دەرىجىدە زىيان يەتكۈزۈشىدىن ساقلىنىش لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button