خام دورىلارمىۋە چىۋەنىڭ شىپالىق رولى

ئاچچىق ئانار

Nar kabuğu mucizesi: Narın kabukları nasıl kullanılır?

خەنزۇچە نامى:酸石榴

تونۇش: بۇ ئانار ئائىلىسىدىكى چاتقال ياكى كىچىك دەرەخ ئاچچىق ئانار دەرىخى بولۇپ، بۇ دەرەخنىڭ ئاچچىق تەملىك مېۋىسى <ئاچچىق ئانار> نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

تەبىئىتى: ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

شىپالىق رولى: ئىچى سۈرۈشنى توختىتىش، ئىسسىقتىن بولغان جىگەر ھارارىتىنى پەسەيتىش، خاپىغان ۋە كەيپ قىلىشتىن بولغان مەستلىكنى يوقىتىش قاتارلىق خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلەر: ئىسسىقتىن بولغان خاپىغان، ئىچ سۈرۈش، قورساق ئاغرىقى، ئېغىز پۇراش، ئېغىز جاراھەتلىرى، قۇلاق جاراھەتلىرى، قىچىشقاق، ھەرخىل ئىششىق ۋە ئاشقازان ئاجىزلىقى، ھەرخىل ئىچىملىك ۋە چېكىملىككە خۇمار بولۇپ قېلىش قاتارلىقلاردا ئىشلىتىلىدۇ.

ئىشلىتىش ئۇسۇلى: سىقىپ سۈيى چىقىرىلىپ ئىچىلىدۇ ياكى سىرتتىن چېپىلىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 25-30 گرام.

زىيانلىق تەسىرى: ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: زەنجىۋىل، جويۇز.

ئورۇنباسارى: تەلۋە ئانار.

چىقىش ئورنى: رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن، بولۇپمۇ قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىن كۆپرەك چىقىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button