مىۋە چىۋەنىڭ شىپالىق رولى

ئۈجمىنىڭ شىپالىق رولى

Şifalı Bitkiler D, dut

ئۈجمە ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرىلا، جۇڭگودا پادىشاھلار ئىشلىتىدىغان قۇۋۋەت تولۇقلاش بۇيۇمى قىلىنغان، ئۈجمىنىڭ ئالاھىدە ئۆسۈش ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلغان، شۇڭا ئۈجمە خەلق ئارىسىدا «خاسىيەتلىك مېۋە» دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۈجمىنىڭ كۆپ خىل رولى بولغانلىقتىن، مېدىتسىنا ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن «21-ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى ساقلىق ساقلاش مېۋىسى» دەپ قارالماقتا.

ئوزۇقلۇق تەركىبى ۋە رولى

ئۈجمە تەركىبىدە كۆپ خىل ۋىتامىن، مىنېرال ماددىلار بار.

ئۈجمىنىڭ تېرىنىڭ (جۈملىدىن باش تېرىسىنىڭ) قان بىلەن تەمىنلىنىشىنى ياخشىلاش، تېرىنى ئوزۇقلاندۇرۇش، تېرىنى ئاقارتىش ۋە چاچنى قارايتىش قاتارلىق رولى بار ھەمدە قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ.

ئۈجمە ئىممۇنىتېتنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە، تالغا نىسبەتەنمۇ ئېغىرلىقىنى ئاشۇرۇش رولى بار، ئارتېرىيە قېتىشىش، سۆڭەك بوغۇملىرى قاتتىقلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ماددا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

ئۈجمە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئازىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، دىئابېت كېسىلى، قان ئازلىق، يۇقىرى قان بېسىم، قاندا ياغ كۆپىيىش، نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ياردەمچى رولىغا ئىگە.

ئۈجمە خىلىت پەيدا قىلىپ، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، ھەزىم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەتنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىش رولىغا ئىگە. ئۈجمىنى مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىپ بەرگەندە ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى غىدىقلايدۇ ۋە قۇرۇق ئىسسىقنى يوقىتىدۇ.

ئۈجمە جىگەر، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، چاچنى قارايتىش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش قاتارلىق روللارغا ئىگە.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئۈجمە قارا، ئاق ئىككى خىل بولىدۇ، ھۆل پېتى ئىستېمال قىلىشتا بىنەپششە قارا رەڭدىكىسى ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۈجمە ئاياللار، ئوتتۇرا ياشلىقلار، ياشانغانلار ۋە كۆزىنى زىيادە كۆپ ئىشلىتىدىغانلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا مۇۋاپىق كېلىدۇ.

ئۈجمە تەركىبىدە شېكەر مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۈجمە ئىستېمال قىلىشتىن پەرھىز تۇتۇشى لازىم.

ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈجمىنى كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم، چۈنكى ئۈجمە تەركىبىدە بىر قەدەر كۆپ مىقداردا ترىپسىننى تورمۇزلىغۇچى ماددا-تاننىك كىسلاتا بار بولۇپ، ئۇ ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈر، كالتسىي، سىنك قاتارلىق ماددىلارنى شۈمۈرۈشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ.

ئۈجمە تەركىبىدە قان ئېرىتكۈچى سېزىمچان ماددىلار ۋە گىئالورونىك كىسلاتا بولىدۇ، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىنسا ئاسانلا قان ئېرىشچان ئۈچەي ياللۇغىنى پەيدا قىلىدۇ.

پىشمىغان ئۈجمىنى يېيىشكە بولمايدۇ.

ئۈجمە ھالۋىسى تەييارلاشتا تۆمۈر قازان-قۇمۇچ ئىشلەتمەسلىك كېرەك. تېلى زەئىپلەشكەنلەر، چوڭ تەرىتى سۇيۇق كېلىدىغانلار ئۈجمە يېمەسلىكى لازىم.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button