بالىلارنىڭ دىئابىت بولغانلىقىغا قانداق ھۈكۈم قىلىمىز
جەمىئەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، بالىلارنىڭ دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بۇلۇش نىسپىتىمۇ بارغانسىرى كۆپەيمەكتە، كۆپىنچە ئاتا- ئانىلار بدلىلارنىڭ دىئابىت كېسەللىكىگە نىسپەتەن بىلىملىرى كەمچىل بولغاچقا كېسەلنى ۋاقتىدا بايقىمايدۇ، داۋالاش ۋاقتىنى كىچىكتۈرۋىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاز بولمىغان ئاۋارچىلىقلار كىلىپ چىقىدۇ، ئۇنداق بولسا ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى بىلىمىنى تۇلۇقلازش ئۈچۈن تۆۋەندىكىلەرگە قاراپ باقايلى.
بىرىنچى. تۇيۇقسىز بالىنىڭ سۈيدۈك قېتىم سانى كۆپىيىپ كىتىدۇ، نەچچە يىلدىن بىرى كارۋاتىغا سىيمەيدىغان بالا تۇيۇقسىزلا ئۇدا نەچچە قېتىم كارۋىتىغا سىيىپ قۇيۇشتەك ھادىسە يۈز بىرىدۇ، بۇنداق چاغدا ئاتا- ئانىلار چۇقۇم بالىلارنى ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ سۈيدۈك قان قەنتىنى تەكشۈرتۈش كېرەك.
ئىككىنچى. كۆپ قېتىم ئۇسساش ھادىسىسى يۈز بەرسە، بۇلۇپمۇ يېرىم كېچىدە تولا ئۇسساپ سۇ ئىچىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە.
ئۈچۈنچىدىن . تۇيۇقسىز ياداپ كەتسە، بالىلار ھازىر ئۆسۈپ يىتىلىش مەزگىلدە بولغاچقا ، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ بېرىشى كېرەك، تۇيۇقسىز بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈپ كىتىشتەك ئەھۋال كۆرۈلسە، ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارىسا بولمايدۇ.
تۆتىنچىدىن.روھسىز ،كۈچسىز. بالىلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى بولسا ھەركىتى كۆپ ، كەپسىز ۋاقىتلىرى، بىراق بالىڭىزدا سىرىتقا چىقىپ باشقا بالىلاربىلەن ئويناشنى ھەرىكەت قىلىشنى خالىمايدىغان، جىمغۇر ، روھسىز ، روھى ھالىتى چۈشكۈن قاتارلىق ئالەمەتلەر بولسا ئۇنداقتا بۇ بالىڭىزنىڭ دىئابىت كېسىلىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
بەشىنچى.تاماق مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە، ئادەتتى بالىلار كۆپ يەيدىغان بۇلۇپ كەتسە ئاتا – ئانىلار بى دىگەن بالىلارنىڭ ئۈسۈپ يىتىلۋاتقان مەزگىلى بۇنداق كۆپ تاماق يىيىشى نورمال ئەھۋال دەپ قارايدۇ، بىراق بۇنىڭغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.
ئالتىنچى . ئاسان يۇقۇملىنىپ قېلىش، بىرەر يېرى يۇقۇملىنىپ قالسا ئاسانلىقچە ئەسلىگە كىلەلمەسلىك. Ⅰتىپلىق دىئابىتنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولسا – يۇقۇملاندۇرغۇچى مىكروپلار ئېنسۇلىن ئاجىرالمىلىرى كەمچىلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
يەتتىنچى. كۆپ قېتىم ئىچى سۈرۈش ۋە ياندۇرۇش ئالەمەتلىرى كۆرىلىدۇ.بۇنداق ئەھۋال ئاسانلا خاتا دىئاگىنوزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنداق ئەھۋالنى ئاساسەن ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرى دەپ دىئاگىنوز قۇيۇش ئۇقۇشماسلىق كىلىپ چىقىدۇ-دە؛ ئاتا- ئانىلار بۇنىڭغا سەل قارايدۇ.