دىيابېت كېسەللىكلەر

دىئابېت بىمارلىرى سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك

 

ئەگەر دىيابېت بىمارلىرى قان قەنتىنى ياخشى كونتىرول قىلالمىسا، ئاخىرقى مەزگىلگە بارغاندا گلىكوزىلياتسىيە ھاسىلاتى توپلىنىپ، ئىنسۇلىن كەملەيدۇ ياكى رولى جارى بولمايدۇ، شۇنىڭدەك دىيابېت كېسىلىنىڭ ھەرخىل ئاستا خاراكتېرلىك ئەگەشمە كېسەللىكلىرى سۆڭەك مىقدارى ۋە سۆڭەك سۈپىتىگە تەسىر كۆرسىتىپ، دىيابېت كېسەللىك خاراكتېرىدىكى سۆڭەك شالاڭلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
كۈندىلىك تۇرمۇشتا دىيابېت كېسىلى خاراكتېرلىك سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
1. قەنتى ئۈنۈملۈك كونتىرول قىلىش
يۇقىرى قان قەنتى پەيدا قىلىدىغان مېتابولىزىم قالايمىقانلىشىشنىڭ سۆڭەككە بولغان پايدىسىز تەسىرىنى ئازايتىش كېرەك.
2. مۇۋاپىق ئوزۇقلىنىش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش
يېمەك-ئىچمەكنى ياخشى كونتىرول قىلمىغاندا قان قەنتىنىڭ زىيادە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۆڭەك ساغلاملىقىغا پايدىسىز تەسىر پەيدا قىلىدۇ. يېمەك-ئىچمەكنى زىيادە كونتىرول قىلىۋەتكەندە ئوزۇقلۇق يېتىشمەي، ھەددىدىن زىيادە ئورۇقلاش قاتارلىقلار ئوخشاشلا سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە سۆڭەك سۇنۇش خەۋىپىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ. مۇۋاپىق مىقدارىدىكى ئاقسىل، ۋىتامىن D، كالتسىي، فوسفور، ماگنىي قاتارلىقلار يېتەرلىك قوبۇل قىلىنغاندا، سۆڭەكنىڭ مېنىراللىشىشغا پايدىلىق ۋە سۆڭەك ئېقىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
3. تىئازولىرونىل 2-كېتون تۈرىدىكى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش
ئەگەر سۆڭەك شالاڭلىشىش خەۋىپى مەۋجۇت بولسا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پىرازولون گىرېگورى كېتون، روگېر كېتون قاتارلىق تىئازولىرونىل 2- كېتون تۈرىدىكى قەنت تۆۋەنلىتىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
4. مۇۋاپىق ئاپتاپقا قاقلىنىش
نۇر تېرىگە چۈشكەندىن كېيىن ۋىتامىن D ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئادەم بەدىنىدىكى ۋىتامىن Dنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى. ھەر كۈنى 20 مىنۇت ئاپتاپقا قاقلىنىش ۋىتامىن Dنىڭ شەكىللىنىشى ۋە كالتسىي ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
5. چېنىقىش ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ماسلاشتۇرۇش
چېنىقىش دىيابېت كېسىلىنى داۋالاشتىكى مۇھىم بىر ئۇسۇل. قان قەنتىنى ياخشى كونتىرول قىلىش، ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىقىنى ياخشىلاش، بەدەن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق. مۇۋاپىق چېنىقىش، بولۇپمۇ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مەشىقى مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە، سۆڭەك مىقدارى ۋە سۆڭەكنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە سۆڭەك شالاڭلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.
سۆڭەك شالاڭلىشىش بولسا دائىم ئۇچرايدىغان ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ بىرى ۋە  ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان سۆڭەك كېسەللىكى ھېسابلىنىدۇ. تەكشۈرۈشلەردىن كۆرسىتىلىشىچە، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن ئىككى مىليون 100 مىڭ كىشىدە سۆڭەك مىقدارى تۆۋەنلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ئىكەن، تەخمىنەن 70 مىليون كىشى سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى بىمارلىرى ئىكەن.
دىيابېت بىمارلىرىغا نىسبەتەن سۆڭەك شالاڭلىشىشقا يۈزلىنىش خەۋىپى تېخىمۇ چوڭ بولغاچقا، بالدۇر ئالدىنى ئېلىش ھەممىدىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button