سەھىپە ئايرىلمىغانقۇلاق كېسەللىكى

سىرتقى قۇلاق

سىرتقى قۇلاق قۇلاق سۇپرىسى ۋە سىرتقى قۇلاق يولىدىن تەركىب تاپقان. 

قۇلاق سۇپرىسى

قۇلاق سۇپرىسى-باشنىڭ ئىككى يېنىغا چىقىپ تۇرغان، ئويمان دۆڭ، ئېگىز-پەس، تەكشى بولمىغان، شەكلى سەدەپ قېپى ياكى بۆرەككە ئوخشايدىغان ئەزادۇر. ئۇ ئەۋرىشىمچانلىققا ئىگە تالالىق يۇمشاق كۆمۈرچەكتىن تۈزۈلگەن ۋە سىرتى تېرە بىلەن قاپلانغان. 

قۇلاق سۇپرىسىدا ئادەتتە مۇسكۇل بولمايدۇ. ئەمما ھايۋانلاردا، مەسىلەن: ئىت، ئېشەك، توشقان قاتارلىق ھايۋانلاردا ئوخشىمىغان چوڭلۇقتىكى مۇسكۇللار بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار بۇ مۇسكۇللار ئارقىلىق قۇلاقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. بەزى ئادەملەرنىڭ قۇلىقىدا ئاز بولغان كىچىك مۇسكۇللار بولىدۇ، شۇڭا ئۇلارمۇ قۇلىقىنى ئازدۇر-كۆپتۇر مىدىرلىتالايدۇ. قۇلاق سۇپرىسىدىكى ئېگىز-پەس، ئويمان-دۆڭ جايلارنىڭ تېبابىتىمىزدە ئۆزىگە خاس ناملىرى بار. مەسىلەن: قۇلاق سۇپرىسىنىڭ چۆرىسىدىكى كانارىسى ئىھاتە تاجى، ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى دۆڭچە قىر-ئوتتۇرا تاجى، بۇ ئىككى تاجى ئوتتۇرسىدىكى سوزۇنچاق ئويمانلىق قولۋاقسىمان ئورەكچە، ئوتتۇرا تاجىنىڭ يۇقىرىدا ئىككىگە بۆلۈنۈشىدىن پەيدا بولغان ئويمانلىق ئۈچ بۇرجەكلىك ئورەكچە، ئوتتۇرا تاجىنىڭ يۇقىرىدا ئىككىگە بۆلۈنىشىدىن پەيدا بولغان ئويمانلىق ئۈچ بۇرجەكلىك ئورەكچە، ئوتتۇرا تاجىنىڭ ئالدىدىكى چوڭقۇرراق ئويمانلىق مەركىزىي ئورەكچە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنى ئىھاتە تاجىنىڭ پەسلىگەن ئۇچى ئىككىگە بۆلۈنىۋېتىدۇ. مەركىزىي ئورەكچىنىڭ ئوتتۇرىسى قۇلاق تۆشۈكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇدۇلىدىكى دۆڭچىنىڭ ئاستى تەرىپى قۇلاق يۇمشىقى دەپ ئاتىلىدۇ. قۇلاق يۇمشىقىدا كۆمۈرچەك بولمايدۇ. قۇلاق سۇپرىسى تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى كۆمۈرچەك بىلەن مەھكەم جىپسىلاشقان بولغاچقا، سىرتقى زەخىمدىن بولغان قانلىق ئىششىقلار ئاسانلىقچە سۈمۈرۈلمەيدۇ، قۇلاق يۇمشىقى تېرە ئاستى ياغلىرىدىن تۈزۈلگەچكە، قۇلاق سۇپرىسى ۋەرەملەنگەندە ئادەتتە ئۇنىڭغا تەسىر يەتمەيدۇ. قۇلاق سۇپرىسى نېپىز بولۇپ، قان تومۇرلار يۈزەكى جايلاشقانلىقتىن، ئۇنىڭدا ئۈششۈك يارىسى ئاسانلا پەيدا بولىدۇ. قۇلاق سۇپرىسى سىرتقى دۇنيادىكى ئاۋاز دولقۇنلىرىنى يىغىپ، قۇلاق تۆشۈكى ئارقىلىق قۇلاق ناغرا پەردىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش رولىنى ئوينايدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button