تۆت چوڭ ماددا

تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى

تۆت ماددا تەلىماتى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىنىڭ يادروسى بولۇپ، ئۇيغۇرلار قەدىمكى زاماندا پۈتۈن كائىناتنى ئۇزاق مۇددەت كۆزىتىش ئارقىلىق يەكۈلىگەن ئىلمى خۇلاسىدۇر.

     تۆت ماددا تەلىماتى (ئەركان، ئاناسۇر ئەربەئە، تۆت تادۇ، ئىپتىدائى ماددا، تۆت ئېلمىنت، ماددەئى مۇيلا) ئالەمدىكى بارلىق شەيئىلەرنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددا بولۇپ، ئالەم ۋە ئادەم بىرلىكىنى باغلايدىغان مۇھىم ئامىلنىڭ بىرىدۇر. ئۇلار ئوت، ھاۋا، سۇ ، تۇپراقنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ ئالەم تۈزۈلمىسىدە قوللىنىپلا قالماستىن ئادەم، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەردىن ئۇششاق جاراسىملارنىڭ ھاياتىغىچە بولغان ئىنتايىن ئىنچىگە نوقتىلارغىچە باغلاپ تەتقىق قىلغان. 

   ئەجدادلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئانىمىزىملىق (تەبىئەت ئېتىقادچىلىقى) كۆز قارىشى ئاساسىدە شەكىللەنگەن تۆت تادۇ ئۇقۇمى زامان – زامانلاردىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ مەيلى ئىپتىدائىي ئاڭ ھالىتىدە بولسۇن، مەيلى شامان، مەيلى مانى، مايلى بۇددا مەيلى ئاتەشپەرەسلىك ھەتتا ئىسلام دىنى مۇھىتىدا بولسۇن ھامان ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ سېستىمىلىق قايىل قىلارلىق ھالدا ئىلىم سۈپىتىدە روياپقا چىقىشى قارا خانىلار سۇلالىسىدە ئۆتكەن يىتۈك ئالىملاردىن بولغان ئەبۇ ناسىر فارابىي ، ئىبىنسىنا، يۈسيپ خاس ھاجىب تەرىپىدىن تاماملاندى .

   قەدىمكى ئەجدادلرىمىز تەرىپىمىزدىن بايقالغان تۆت ماددا- تۇپراق، سۇ، ھاۋا، ئوت دەسلەپتە بىر پۈتۈن ئىنسان ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشتەك ئالاھىدە تەرەپلىرى ئارقىلىق مۇھىم بىر ئېتىقادا ئوبىكتىغا ئايلىنىپ ئۇلۇغلىنپ، يازما ۋە ياكى تەسۋىرىي سەنئەت ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن بولسا، كىيىنچە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە مەۋجۇداتلارغا، جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭ بارلىققا كېلىشى، ھاياتلىق پائالىيەتلىرى، ساقلىق- كېسەللىك ئەھۋاللىرىغا چەمبەرچاس باغلىنىپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنىڭ مەركىزىي مەزمۇنلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ھەقىقەتەنمۇ تۆت چوڭ ماددا ئىنسانلار تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. قۇياش (ئوت) تەبىئەتنى قىزىتىش، نۇر بېرىش ئارقىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆتۈرىدۇ. ئاشلىق ۋە دانلارنى پىشۇرىدۇ. بۇنى ئىنسانلار ئىستېمال قىلىدۇ. ھاۋا بولسا پايدىلىق تەركىبى بىلەن ئىنساننىڭ نەپەسلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.  كونا  بۇخاراتلارنىڭ ئورنىغا يېڭى ھاۋا بېرىپ، روھنى ئۇلغايتىدۇ. 

سۇ بۇلسا، ئىنسان تۈزۈلىشىنىڭ ئاسىسىي ماددىسى بولۇپ، ئۇنىڭسىز ئىنساننى قىياس قىلىش مۇمكىنى ئەمەس. 

تۇپراق بولسا، ئىنسان پەيدا بولغان ۋە قايتىدىغان تەبىقە بولۇپ، شۇ  ئارقىلىق ئىنسان ئۆزىنىڭ ماكانىغا ئىگە بولالايدۇ، ئۇنىڭدىن چىققان ئوزۇقلۇقلار بىلەن ھاياتنى داۋاملاشتۇرالايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، تۆت چوڭ ماددا پۈتكۈل دۇنيانىڭ تۈزۈلۈشى، جانلىق ۋە جانسىزلارنىڭ مەۋجۈتلۇقى ۋە ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىنى تەمىنلەپ تۇرغۇچى تۆۋرۈك ئەمىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 

ئاتاقلىق تېببىي ئالىم ، شەرق ۋە غەرب تېبابەتچىلك تارىخىدىكى يىتۈك شەيخۇل رەئىس (ئالىملار رەئىسى)، پەلسەپە شاھى، تېبابەت سۇلتانى ئەبۇ ئەلى ئىبىنسىنا ئىنسىكلوپىدىك ئەسىرى ‹‹ئەل قانۇن فىت تىب›› تا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، تۆت تادۇنىڭ ئىككى ئېغىر، ئىككى يەڭگىل بولۇپ، يەڭگىلى ئوت بىلەن ھاۋا، ئېغىرى سۇ بىلەن تۇپراقتۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەبىئىيىتى ۋە رولى- خاسىيىتى بولغاچقا، بارلىق جاندارلارنىڭ تەبىئىيىتى نورمال ھاياتىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇلار بىر –بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. مۇبادا ئۇلاردىن بىرەرى كەملەپ كېتىدىكەن، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇ سەۋەبتىن بۇ تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەبىئەتنىڭ بىر پۈتۈن تەڭپۇڭلىقىنى، جۈملىدىن ئىنسانلار ھاياتىنى كامالەتكە يەتكۈزۈش جەھەتتىكى ئاجايىپ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ .

ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە قوشقان زور تۆھپىلىرىنىڭ بىرى بولغان تۆت ماددا تەلىماتى ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى دەۋىرلەردە- يىراق قەدىمكى زامانلاردا بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، بىزگە پەقەت بۇ ھەقتىكى قىسمەن يازما مەلۇماتلارلا يېتىپ كەلگەن. 

         تۆت چوڭ ماددا پۈتۈن كائىناتنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددا بولۇپ، ئانئورگانىك ئالەم ماددىلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى، تۈزۈلۈشى تۆت چوڭ ماددىنىڭ دەسلەپكى ئۆز ئارا بىرىكىشىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل بىرىكىشنى ئۇلار ئارىسىدىكى تكت خىل ئاساسىي كۈچ بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ تۆت خىل ئاساسىي كۈچ تارتىش كۈچى، ئاجىز كۈچ، ئېلىكترو ماگىنت كۈچى، يادرو كۈچىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تۆت خىل كۈچ توغرىسىدا ھازىرقى زامان ئاسترو فىزىكا، يادرو فىزىكىسىنىڭ ھەممە ساھەسى تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئالەمدىكى بارلىق ماددىلار مۇشۇ تۆت خىل كۈچنىڭ ئورتاق تەسىرى ئاستىدا ئۆزىگە تەئەللۇق تۈزۈلىش ۋە خىزمەتلەرنى بېجىرىدۇ. ئورگانىك تەبىئەت جىسىملىرى بولسا يەنە ئۇلاردىمۇ ئورتاق ئۆز خىزمىتىگە ماسلاشقان تۆت خىل ئاساسىي كۈچ بولىدۇ. ئۇلار تارتىش كۈچى، ھەزىم قىلىش كۈچى، تۈتۈش كۈچى،چىقىرىش كۈچىدىن ئىبارەت. بۇ تۆت خىل كۈچ ئورگانىك تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ نورمال پائالىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان كۈچلەردۇر. 

تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى بولسا يۇقىردىكى ئانئورگانىك تەبىئەت جىسىملىرى بىلەن ئورگانىك تەبىئەت جىسىملىرىنى بىر –بىرىگە باغلايدىغان، ئۇلار ئوتتورسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئايدىڭلاشتۇرىدىغان تەلىماتتىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇ تەلىماتنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بولسا، ئورگانىك ۋە ئانئورگانىك تەبىئەت جىسىملىرى ۋە كەڭ كائىنات تۆت چوڭ ماددىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ تۆت چوڭ ماددا ئالەم جىسىملىرىنىڭ تۈزۈلۈش جەھەتتىكى ئورتاقلىق پىرىنسىپىنى ئاساس قىلىپ تۆت كاتېگورىيىگە جەملەنگەن ياكى بۆلۈنگەن، بۇ تۆت چوڭ ماددا ئەمەلىي ماددا بولۇپ، بوشلۇققا تارقالغان، بىر بىرىدە ساقلانغان بولىدۇ. تارقالغان قىسىمى ئاقار جىسىملارنىڭ ھالەت تەڭلىمىسىگە بويسۇنىدۇ. تارقالمىغان قىسىمى ئېنىرىتسىيىلىك مەيدان ياكى ئېنىرىتسىيىلىك سېستىمىنى تۈزىدىغان بولۇپ،  ئۇنىڭ ھەركەت قائىدە قانۇنىيەتلىرى ھەممىسىگە نىسبەتەن شۇ ئېنىرىتسىيىلىك سېستىمىدا ئورتاق بولىدۇ. ماھىيەتتىن ئېيتقاندا پۈتكۈل ئالەم بىر ئېنىرىتسىيىلىك سېستىما بولۇپ، ئۇنىڭ ھالەت تەڭلىمىسى نىسپىلىك نەزىرىيىسىدە ئېيتىلغاندەك ھەم ئۇنىڭدىنمۇ ئالاھىدىرەك بولىدۇ. بىر بىرىدە ساقلانغان قىسىمى بولسا، ئۆز ئارا بىر بىرىگە تەسىر قىلىش نەتىجىسىدە ئورگانىك تەبىئەت جىسىملىرىنى شەكىللەندۈرۈپ ، قوۋۇس بوشلۇق (ۋاكۇئۇم) ياكى بوشلۇققا تارقالغان قىسىملىرى بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ئالەم بوشلۇقىغا ئورتاقلاشقان تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنىڭ مەزمۇنى بولسا تۆت چوڭ ماددا ئوتتورسىدا ئۆز ئارا تەسىر بولۇپ ئۇ تۆت چوڭ ماددا خۇسۇسىيەت جەھەتتىن بىر بىرىگە قارمۇ قارشى بولىدۇ. ئۇلار ئوتتورسىدىكى قارمۇ قارشىلىق نىسپى ياكى مۇتلەق بولىدۇ. مۇكەممەل قۇرۇلمىغا ئىگە ياكى ھەرىكەت دائىرىسى قۇرۇلما ئىچىدە بولىدىغان، قارمۇ قارشىلىقلار نىسپى سېغىشىدۇ. مۇكەممەل قۇرۇلمىغا ئىگە ئەمەس، ھەركەت دائىرسى ئەركىن بولغان قارمۇ قارشىلىقلار، سىغىشالمايدۇ، ھەم بىر بىرىگە تەسىر بولىدۇ. بۇ مۇقىم قۇرۇلمىغا ئىگە قارمۇ قارشىلىقلار جەملەنگەن ھەركەتچان ئالەم سېستىمىسى بولۇپ،تۆت چوڭ ماددا مانا مۇشۇنداق سىغىشىدۇ ھەم قارمۇ قارشىلىشىدۇ. تۆت چوڭ ماددا ئىچىدىكى تۇپراق ئالەمنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسىنى تۈزۈدۇ. ئۇ ئالەمنىڭ ھەم ئالەم جىسىملىرىنىڭ شەكلىنى ساقلايدۇ. 

سۇ بولسا قۇرۇلما ھالىتىنى يەملىگۈچى (بىرىكتۈرگۈچى) ھەم ئۆزگەرتكۈچى ئاساسىي ماددا بولۇپ، ئالەمنىڭ مەزمۇنىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. 

ھاۋا بولسا لەتىف ئۇچۇچان ماددا بولۇپ، ئالەم تۈزۈلمىسىدە بوشلۇقلارنى تولدۇرۇش، ئالەمنىڭ تەدرىجىي ھالىتىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. 

ئوت بولسا  ماددىغا ھەركەت پەيدا قىلىدىغان ئېنىرگىيىلىك ۋەزىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يادرو ھالىتىنىڭ ئۆزگۈرىشىدىن ھەم خىمىيىلىك باغ ئۆزگۈرۈشىدىن پەيدا بولىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئىپادىسى ئېنىرتسىيىلىك مەيدانغا خاس بولىدۇ. 

 بۇ تۆت چوڭ ماددا بىرلىشىپ ئالەمنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى تۈزىدۇ. ھەم ئۇلار ئوتتورسىدىكى ھەرىكەت بولسا ئۇلارنىڭ زىددىيىتى ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ ھەم ئەمەلگە ئاشىدۇ. 

     ئورگانىك ھالەتتە توپلانغان تۆت چوڭ ماددا تەلىماتىنىڭ مەزمۇنى بولسا، تۆت چوڭ ماددا چوڭ كائىناتتىكى ئورگانىك تەبىئەت جىسىملىرىنى تۈزگۈچى ئاساسىي ماددا، ئورگانىك (ھاياتلىققا ئىگە جىسىملار ياكى جانلىقلار) تەبىئەت جىسىملىرى تۆت چوڭ ماددىنىڭ ناھايتىمۇ مۇرەككەپ بىرىكىشىدىن پەيدا بولغان. تۆت چوڭ ماددىنىڭ خۇسۇسىيىتى بىر –بىرىگە قارمۇ –قارشى بولۇپ، بۇ قارمۇ-قارشىلىقلار مۇقىم ئورگانىك قۇرۇلمىدا نىسپى تەسىرلىرى ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. تۇپراق ئاساسىي قۇرۇلمىنى تۈزىدۇ، سۇ شۇ قۇرۇلمىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بىر –بىرىگە كىرىشتۈرىدۇ ۋە يەملەيدۇ، ھاۋا بوشلۇقلارنى، كاۋاكلارنى تولدۇرىدۇ، ئوت ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. تۆت چوڭ ماددىنىڭ ئورگانىك جىسىملارغا كۆرسەتكەن تەسىرى كەيپىيات دەپ ئاتىلىدۇ. كەيپىيات تۆت بولۇپ، ئىسسىق، سوغۇق، قۇرۇق، ھۆل دىن ئىبارەت (ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئورگانىك ماددىلارغا بولغان قارشى، بولۇپمۇ ئادەم بەدىنىگە بولغان قارىشى ئەزا تەلىماتىدا تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ)، مانا بۇ تۆت ماددا تەلىماتىنىڭ ئىككى خىل مەزمۇندا بايان قىلىنىشىدىن ئىبارەت. تۆۋەندە ئۇلار ئۈستىدە ئايرىم-ئايرىم چۈشەنچە بېرىلىدۇ

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button