تۆت چوڭ ماددا

تۆت چوڭ ماددا تەلىماتى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

قەدىمكى زامانلاردىكى مېھنەتكەش ئاتا- بوۋىلىرىمىز ئۇزۇن مۇددەتلىك تۇرمۇش ئەمەلىيتى جەرايانىدا، تەبئىيەت دۇنياسىدىكى ھەرخىل شەيئىلەر ۋە ھادىسىلەر ئارقىلىق، ئوت، ھاۋا، سو، تۇپراقتىن ئىبارەت كائىنات 4 چوڭ ماددىسى ( ئاناسىر ئەربەئە) نى كۈزەتكەن، تونىغان ۋە تۆت چوڭ ماددا نەزەرىيىسىنى ياراتقان. ئەينى يىللاردا ئۇنى باشقا ئىشلارغا قوللىنىپلا قالماستىن بەلكى تېبابەت ئىشلىرىدىمۇ مۇھىم نەزەرىيىۋى تەلىمات قاتارىدا قوللانغان. ئۇيغۇر تېبابەت ئىلمىنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى تۆت چوڭ ماددىنى تونۇشتىكى ئومۇمىي كۆز- قاراشلاردىن باشلانغان ۋە كېلىپ چىققان.

     تۆت چوڭ ماددا بىر- بىرىگە قارىمۇ- قارىشى ھەمدە بىر- بىرىنى تەقەززا (تەلەپ) قىلىدۇ. ئۇلار گەرچە جىسمى، خۇسۇسىيتى، كەيپىياتى جەھەتتە بىر – بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ لېكىن بىرى بولمىسا يەنە بىرى ئۆز رولى ۋە خىزمىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالمايدۇ. مەسىلەن: ئۆسۈملۈكنىڭ ئۈنۈپ چىقىشى، ئۆسىشى، تۆت چوڭ ماددىسىنىڭ مۇۋاپىق تەسىر قىلىشى بىلەن بوىلدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، تۆت چوڭ ماددىنىڭ بىرىكىشى، ئۆزگەرتكۈچى كۈچى ( قۇۋۋەئى مۇغەييىرە) نىڭ تەسىر بىلەن ئورگان ( جىسمىيات) ھاسىل بولىدۇ. ھەمدە تۆت چوڭ ماددىنىڭ داۋاملىق تەسىر قىلىشى ۋە ئۆسۈش كۈچى ( قۇۋۋەئى نامىيە) نىڭ قۇۋۋىتى بىلەن ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىدۇ. شەكىللىنىش قۇۋۋىتى( قۇۋۋەئى مۇسەۋۋىرە) ئارقىلىق ئادەم سۈرىتى شەكىللىنىدۇ.

       تۆت چوڭ ماددىنىڭ تەسىرى ئىنسان بەدىنىدە تۆت كەيپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئۇلار: ئىسسىقلىق ( ھارارەت)، ھۆللۈك، سۇيۇقلۇق(روتۇبەت)، سۇغاقلىق( بۇرۇدەت)، قۇرۇقلۇق(يوبۇسەت) دىن ئىبارەت. بۇ خىل كەيپىياتلار ئىنسان ھاياتى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم ئامىللاردۇر. مەسىلەن: بەدەندە ئىسسىقلىق بولمىسا ئۇزۇقلۇق پىشمايدۇ.(پارچىلانمايدۇ)، ھۆللۈك، سۇيۇقلۇق بولمىسا ئۇزۇقلار شۈمۈرۈلمەيدۇ ھەم ھاياتلىقمۇ بولمايدۇ. قۇرۇقلۇق بولمىسا، مېڭىنىڭ قوماندانلىق قىلىش كۈچى ئاجىزلىشىپ، ئەقلى جايىدا بولماسلىققا ئوخشاش ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ. سوغاقلىق بولمىسا يۈرەكنىڭ خىزمىتى ياخشى بولمايدۇ. دېمەك: ئادەم بەدىنىدە تۆت چوڭ كەيپىياتنىڭ ھەممىسى بولۇشى، بىرى- بىرىدىن كەم ياكى ئارتۇق ھەمدە ناچار بولماسلىقى لازىم. بۇ خىل كەيپىياتلار يالغۇز ئىنسانلاردىلا مەۋجۇت بولۇپ قالماي بەلكى ھايۋانات، ئۆسۈملۈك(ناباتات) لەردىمۇ مەۋجۇت. شۇڭا دورىلارمۇ ئىسسىق- سوغۇق، قۇرۇق – ھۆل كەيپىياتلارغا ئايرىلىدۇ. تۆت چوڭ كەيپىياتنىڭ ئادەم بەدىنىدىكى بىر بىرىگە قارىمۇ – قارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button