تۆت چوڭ ماددا

تۆت خىلىت ۋە مىزاج

ھەزرىتى لوقمان ھېكىم ئېيتىپدۇرلەركى چاچ-ساقاللارنىڭ بالدۇر ئاقىرىشى، پۇت-قوللارنىڭ تىترىشى، مېڭە ئاغرىش، قورقۇش، تاماق سىڭمەسلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەپرا ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئاغزى ئاچچىق بولۇش، ئاغزىدىن شال ئېقىش، ساچ-ساقاللارنىڭ بالدۇر ئاقىرىپ كېتىشى، قورساق ئاغرىش، پۇت ماغدۇرسىزلىنىش، ئىستىسقا قاتارلىقلارنىڭ كۆپىنچىسى بەلغەم خىلىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ. ئاغزى تەمسىزلىنىش، كۆز خىرەلىشىش، نامازشام قارغۇسى، تولا تەشۋىشلىنىش، يامان چۈشلەرنى كۆپ كۆرۇش،كۆپ سۆزلەش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى سەۋدا خىلىتى ئېشىپ كەتكەنلىكتىن بولىدۇ.

ئادەم مېڭىسىنىڭ مىزاجى سوغۇقتۇر، يۈرەكنىڭ مىزاجى ئىسسىقتۇر، جىگەرنىڭ مىزاجى قۇرۇق ئىسسىقتۇر، ئۆپكىنىڭ مىزاجى ھۆل سوغۇقتۇر، تالنىڭ مىزاجى قۇرۇق سوغۇقتۇر، ئەگەر بەدەندىكى تۆت خىل ماددا تەڭپۇڭ بولسا، بۇئەزالارنىڭ مىزاجى نورمال بولىدۇ. ئادەملەرنىڭ مىزاجى قان، سەپرا، بەلغەم، سەۋدادىن ئىبارەت تۆت يۈرلۈك بولىدۇ، قاننىڭ ئورنى يۈرەكتە بولۇپ، رەڭگى قىزىل، تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق بولىدۇ. سەپرانىڭ ئورنى جىگەر بىلەن ئۆتتە بولۇپ رەڭگى سېرىق، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسسىق بولىدۇ. بەلغەمنىڭ ئورنى ئۆپكىدە بولۇپ رەڭگى ئاق، تەبىئىتى ھۆل سوغۇق بولىدۇ. سەۋدانىڭ ئورنى تالدا بولۇپ رەڭگى قارا، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولىدۇ.

لوقمان ھېكىم ئېيتىپدۇرلەركى ھەركىمنىڭ ئاغزى تاتلىق بولسا، قان زىيادە بولۇر، ئاغزى تەمسىز بولسا سەپرا زىيادە بولۇر، ئاغزى چۈچۈمەل ئاچچىق بولسا سەۋدا زىيادە بولۇر. ئەگەر كىشىنىڭ ئاغزى تاتلىق بولسا، قان تۈكۈرسە ئۇستىخانلىرى ۋە پۈتۈن بەدىنى ئېغىر بولسا، قىزىتما بولسا، ئۇچىسى ئاغرىسا ، قۇلىقى، بېشى، كۆزى ئاغرىسا بۇلارنىڭ ھەممىسى قان خىلىتى ئېشىپ كەتكەندىن بولۇر. ئەگەر كىشىنىڭ بېشى ئېغىر بولسا، بېشىنىڭ يېرىمى ئاغرىسا، چىرايى سېرىق بولسا، تولا ئۇسسىسا، ئاغزى قۇرۇپ تۇرسا، پۇت-قوللىرى تىترىسە، چاچ-ساقاللىرى چۈشسە، ئاغزى ئاچچىق بولسا، بېلى ئاغرىسا، بەزگەك بولسا، كۆزلىرى خىرەلەشسە،بېشى قايسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى سەپرادىن بولۇر. ئەگەر كىشىنىڭ قورسىقى ئاغرىسا، ئاغزىدىن سۇ ئاقسا، سۇلۇق ئىششىق بولسا، كۆزى قاراڭغۇلاشسا بۇلارنىڭ ھەممىسى بەلغەمدىن بولۇر. ئەگەر كىشىنىڭ قورسىقى ئاغرىسا، ئاغزى تۇزلۇق بولسا، كۆزى خىرەلەشسە، ئۇنتۇغاق بولسا، قالايمىقان چۈش كۆرسە، تولا ئەندىشە قىلسا، تىلى كېكەچ بولسا بۇلارنىڭ ھەممىسى سەۋدادىن بولۇر.

ئەگەر كىمىكى قان خىلىتىنى پەسەيتەي دېسە، تەمرى ھىندى، ئالوچا، قىزىلگۈل، ئامۇت قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن ئۈچ مىسقالدىن ئېلىپ، شەربەت قىلىپ ئۈچ كۈن ھەر كۈنى ناشتىدا ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر كىمىكى سەپرا خىلىتىنى پەسەيتەي دېسە، ئاچچىق ئانار بىلەن تاتلىق ئانارنىڭ ھەر بىرىدىن تەڭ مىقداردا ئېلىپ، ئۇرۇقلىرىنى ئايرىۋېتىپ ، ئۇنىڭغا تەڭ مىقداردا سۇ قوشۇپ، بىر كېچە تۇرغۇزغاندىن كېيىن ئۈستىدىن ئۈچ مىسقال تەرەنجىبىن قوشۇپ ئېرىتىپ ئىچسە بولىدۇ. ئەگەر كىمىكى سەۋدا خىلىتىنى پەسەيتەي دېسە، زەپەرنى تەرەنجىبىن ئېرىتمىسى بىلەن قوشۇپ، ئۈچ كۈن ئىچسە بولىدۇ، بۇجەرياندا ئاچچىق نەرسىلەردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ بەدىنىدە قايسى خىلىتنىڭ ئېشىپ كەتكەنلىكىنى بىلەي دىسەڭ، ئۇنىڭ چوڭ تەرىتىگە قارىغىن، قىزىل بولسا قان خىلىتى ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، سېرىق بولسا سەپرا خىلىتى ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، ئاق بولسا بەلغەم خىلىتى ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ، قارا بولسا سەۋدا خىلىتى ئېشىپ كەتكەن بولىدۇ.


تىبابەت سىرلىرىدىن ئېلىندى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button