يوشۇرۇن دىيابېت كېسىلىدىن ئاگاھ بولۇڭ
يوشۇرۇن دىيابېت كېسىلى ئادەتتە روشەن ئىپادىلەنمەيدۇ، ئەگەر دىققەت قىلمىغاندا ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتى قولدىن كېتىدۇ. ناۋادا سىز يۆتىلىپ قالغانغا ئىككى ئايچە بولغان، ئابۇلاتورىيەلەردە داۋالاتسىڭىزمۇ ئەھۋالدا ياخشىلىنىش بولمىغان بولسا، چوقۇم دوختۇرغانىغا كۆرۈنۈڭ، چۈنكى سىز ئۆپكە تۇبېركۇليۇزى ياكى يوشۇرۇن دىيابىت كېوسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.
ئەگەر تىرە قىچىشىش، ۋە قۇرغاقلىشىش، ئېچىرقاش، چارچاش ماغدۇرسىزلىنىش، بەدەنگە تەكرار چىقان چىقىش، يارا ئېغىزى ئاسان ساقايماسلىق، ئىككى كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاش، ئېنىق كۆرەلەمسلىك، توڭلاش، نەپەس سېقىلىش، سۈيدۈك يولى ياللۇغلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ، بۇ خىل ئالامەتنىڭ سەۋەبنى ۋاقتىدا ئېنىقلىۋىتىڭ ھەمدە ئەڭ ياخشى داۋالىنىش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈڭ.