دىيابېت كېسەللىكلەر

قايسى خىل كىشىلەر ئاسانلا دىئابېت كېسىلى بولۇپ قالىدۇ ؟

دىيابېت كېسىلىنىڭ ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا بىر قەدەر ئومۇملاشقان كېسەللىك ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان. ئۇنداقتا قايسى خىل كىشىلەر توپى دىيابېت كېسىلىنىڭ «نەزەر»دىن ساقىت بولالمايدۇ؟
دىيابېت كېسىلىنىڭ بەش خىل خەۋپلىك توپى
1. ئاسانلا سەمىرىدىغانلاردا دىيابېت كېسىلى قوزغىلىدىكەن
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئاسان سەمىرىدىغانلار دىيابېت كېىسلىنىڭ نەزىدىن ساقىت بولالمايدۇ. چۈنكى سېمىزلىك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ قېنىدىكى ئىنسۇلىن نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. سېمىزلەر ئىنسۇلىننىڭ ئۆزگىرىشىگە سەزگۈر بولمايدۇ، شۇڭا ئادەم بەدىنىدىكى قان قەنتى ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۆۋەنلىيەلمەي، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالىنى ئاشۇرىدۇ، بۇ سېمىزلەرنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىكى يۇقىرى خەۋپلىك توپ ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
2. قەنت تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلار دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
قەنت تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىقتىدارى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ قان قەنتى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ. ئاچ قورساق ۋە تاماقتىن كېيىنكى قان قەنتى نورمال كىشىلەرنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
3. 40 ياش ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى كىشىلەرمۇ ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
40 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەرنىڭ ئادەتتە كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپى يۇقىرى بولىدۇ، دىيابېت كېسىلىمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. 40 ياش كىشىلەرنىڭ بۇرۇلۇش مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. خىزمەت سورۇنىنىڭ زىيادە كۆپىيىشى ۋە ھەرىكەت مىقدارىنىڭ ئازلىشى سەۋەبلىك، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.
4. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىمۇ ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىلەن يۇقىرى قان بېسىم زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى يېمەك ئىچمەكنىڭ قانۇنىيەتلىك بولۇشىغا دىققەت قىلىشى كېرەك. يۇقىرى قەنتلىك، ياغلىق يېمەكلىكلەرنى ياقتۇرۇپ يەيدىغان تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى ئاسانلا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ يېشى ئادەتتە بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، سالامەتلىك جەھەتتە بىر قەدەر ئاجىز كېلىدۇ، شۇڭا يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىقىغا دىققەت قىلىشى، سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپرەك يېيىشى كېرەك. ئەگەر پەۋقۇلئادە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالسا، باشقا كېسەللىك ئەھۋالىنى ۋاقىتدا ئېيتىپ ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ بار يوقلىقىغا ھۆكۈم قىلىش كېرەك، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ياخشى داۋالانغىلى بولىدۇ.
5. جەمەتىدە دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش تارىخى بارلار ئاسان دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ
تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، جەمەت تارىخىدا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلارنىڭ دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن، 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلىنىڭ ئېرسىيەت قىلىش نىسبىتى %20كە يېتىدىكەن. بولۇپمۇ ئانا دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، بالىلىرىمۇ ئاسانلا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدىكەن.
ئەگەر ئاتا-ئانا ئىككىلا تەرەپتە دىيابېت كېسىلى بولسا، ئۇنداقتا بالىلىرىنىڭ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى %25تىن يۇقىرى بولىدىكەن.
دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بولماسلىقنى تۇرمۇش ئادىتى ۋە مۇھىت ئامىلى بەلگىلەيدۇ. دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولماسلىق ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىمى سەي-كۆكتاتلارنى كۆپ يېيىش، مايلىق، بولۇپمۇ مايدا قورۇلغان يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش كېرەك. كۆپ چېنىقىش، ھەر كۈنى بىر سائەت ھەرىكەت قىلىپ تەرلەش، مېتابولىزىم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىنسۇلىننىڭ سەزگۈرلىكىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button