تائام مەدەنىيىتىمىزگە نەزەر
خەلقىمىز تۇرمۇش شەكلى، تىل – يېزىق، ئۆرپ – ئادەت، كىيىم – كېچەك ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۆزگىچە مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىدىمۇ روشەن خاسلىق ياراتقان. خەلقىمىز بۇنداق خاسلىقنى يارىتىشتا ئەسىرلەردىن بۇيان يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى، يېيىشلىكلىكى جەھەتتىن ئىزدىنىش بىلەن بىللە، ئۇلارغا ئېستېتىك قارىشى ۋە مەدەنىيەت ئېڭى جەھەتتىنمۇ مول مەزمۇن قوشقان. شۇڭا، رايونىمىزغا كەلگەن چەت ئەللىكلەر ياكى دۆلەت ئىچىدىكى باشقا مىللەتلەر تائاملىرىمىزنى يېگەندە، ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە تەمىگە قىزىقىپلا قالماي، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشىگىمۇ ئىنتايىن قىزىقىدۇ. تائاملىرىمىزنىڭ بۇنداق سېھرىي كۈچى ئۇنىڭ مول ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە بولغانلىقى بىلەنلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ بارلىققا كېلىشىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.
يېمەكلىكلىرىمىزنىڭ يارىتىلىش تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقى ۋە خاس مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىگىلىكىنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن. تائاملىرىمىز تىلغا ئېلىنىشى بىلەنلا، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ئالدى بىلەن نان كېلىدۇ. نان مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي يېمەكلىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ھازىرغىچە خەلقىمىزگە ھەمراھ بولۇپ كەلمەكتە. 1991 – يىلى قۇمۇلنىڭ قارادۆۋە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىكى 151 – نومۇرلۇق قەبرىدىن تەخمىنەن 3000 – 3200 يىللار بۇرۇنقى دەۋرلەرگە، پىچان ناھىيەسىدىكى سۇ بېشى 3 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 3 – ئەسىرلەرگە تەۋە تېرىق ئۇنىدىن تەييارلانغان توقاچ تېپىلغان. 1958 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ ئارخېئولوگىيە ئەترىتى نىيە خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرگەندە، ئىشلىتىلگەن ۋاقتى ئېلىمىزنىڭ خەن – جىن دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدىغان بىر تونۇرنى تاپقان. بۇ پاكىتلار ناننىڭ يېمەكلىكلىرىمىز ئىچىدە تولىمۇ قەدىمىيلىكىنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشەندۈرىدۇ. تەبىئىيكى، خەلقىمىز ناننى مۇھىم ئوزۇقلۇق قىلىش بىلەنلا چەكلەنمەي، ئۇنىڭ شەكلىنىڭ چىرايلىق، تۈرىنىڭ كۆپ بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلگەن. شۇڭىمۇ نانلىرىمىزنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، ئۇنىڭدا مىللىتىمىزنىڭ گۈزەللىك قاراشلىرى قويۇق ئىپادىلەنگەن.
ناندىن باشقا قىيمىلىق تائاملىرىمىزمۇ دۆلەت ئىچى – سىرتىدا داڭلىق. قىيمىلىق تائاملىرىمىز مەززىلىك، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، مانتا، پۆرە، چۆچۈرە، تۈگۈر، سامسا، پەرمۇدە، گۆشنان، قىيمىلىق كۆمەچ، ياغسامسا قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ. بۇلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيان خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا تەدرىجىي بارلىققا كېلىپ تاكامۇللىشىپ، بۈگۈنكى كۈندە ئىستېمالىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان تاڭسۇق تائاملارغا ئايلاندى. بۇ تائاملارغىمۇ مىللىتىمىزنىڭ فىزىيولوگىيەلىك، پىسخىكىلىق ۋە ئېستېتىك ئېھتىياجلىرى سىڭدۈرۈلگەن بولۇپ، دىيارىمىزدىكى يۇرتلاردا خىلمۇ خىل شەكىللەردە تەييارلىنىپ قويۇق مىللىي ئالاھىدىلىكنى گەۋدىلەندۈرمەكتە. قىيمىلىق تائاملىرىمىزمۇ مۇئەييەن قەدىمىيلىككە ئىگە. 1999 – يىلى لوپنۇر ناھىيەسىدىكى (ۋاقتى خەن – جىن دەۋرلىرىگە توغرا كېلىدىغان) يىڭپەن قەبرىستانلىقى ئارخىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈلگەندە 8 – نومۇرلۇق قەبرىدىن ئۈچ دانە ياغاچ تاۋاق قېزىۋېلىنغان، ئۇلارنىڭ بىرىگە قوتۇرماچ، بىرىگە پۆرە سېلىنغان. 1959 – يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى 301 – نومۇرلۇق قەبرىدىن ۋاقتى ئېلىمىزنىڭ تاڭ دەۋرىگە توغرا كېلىدىغان ئۈچ ساپال قاچىغا سېلىنغان ئۈچ دانە تۈگۈر بايقالغان. 1968 – يىلى يەنە شۇ قەبرىستانلىقتىكى103 – نومۇرلۇق قەبرىدىن (ۋاقتى تاڭ دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ) تۆت رەڭلىك ياغاچ تەخسىگە سېلىنغان تۆت دانە تۈگۈر بايقالغان (بۇلارنىڭ ھەممىسى ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ). بۇلاردىن قىيمىلىق تائاملىرىمىزنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ئېستېتىك قىممىتىنىڭ يۇقىرى بولۇپلا قالماي، تارىخىنىڭمۇ ئۇزاقلىقىنى بىلىۋالالايمىز.
يېمەكلىكلىرىمىز ئىچىدە پولۇ، لەڭمەن، سۇيۇقئاش، كاۋاپ قاتارلىقلار ھازىرمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان، قەدىمىيلىككە ئىگە تائاملار. 1992 – يىلى پىچان ناھىيەسىنىڭ سۇ بېشى 1 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقىدىكى 11 – نومۇرلۇق قەبرىدىن تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 5 3 – ئەسىرلەرگە تەۋە ساپال ھىجىرغا سېلىنغان، تېرىق ئۇنىدا راسلانغان سۇيۇقئاش خېمىرى، 1968 – يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىكى 104 – نومۇرلۇق قەبرىدىن قۇرۇپ كەتكەن ئۈگرە قېزىۋېلىنغان (ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ).
خەلقىمىز يۇقىرىقى تائاملاردىن باشقا يەنە پوشكال، تالقان ۋە زىخقا ئۆتكۈزۈلۈپ ياغدا پىشۇرۇلغان خېمىر يېمەكلىكلىرىنىمۇ ئىستېمال قىلىپ كەلگەن. بۇلارنىڭمۇ تارىخىنىڭ ئۇزاقلىقىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈشلەردىن ئېنىق كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. چەرچەن زاغۇنلۇقتىكى (ۋاقتى شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرلىرىدىن جىن سۇلالىسىگىچە بولغان دەۋرلەرگە توغرا كېلىدۇ) 1 – نومۇرلۇق قەبرىستانلىقتىكى 73M نومۇرلۇق قەبرىدىن گۈل شەكلىدە قاپارتما نەقىش چىقىرىلغان پوشكالدىن بەشى، نېپىز پوشكالدىن بىرى قېزىۋېلىنغان. 1960 – يىلى تۇرپان ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقتىكى 338 – نومۇرلۇق قەبرىدىن زىخقا ئۆتكۈزۈلۈپ ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكتىن ئىككى زىق چىققان. (بۇلار ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتىدۇ). 1984 – يىلى لوپ ناھىيەسىدىكى سامپۇل قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن (مىلادىدىن بۇرۇنقى 3 1 – ئەسىرگە توغرا كېلىدۇ) كىچىك تېرە خالتىغا قاچىلانغان تالقان قېزىۋېلىنغان. پوشكال ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېسىل يېمەكلىكلەرنىڭ بىرى. قەدىمكى دەۋرلەردىن تارتىپ ئۇيغۇرلار پوشكالنى ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، مۇقەددەس يېمەكلىك قاتارىدا ئىستېمال قىلىپ كەلگەن. مەلۇمكى، خەلقىمىزنىڭ نۇرغۇن ئېتنوگىرافىيەلىك ئۆرپ – ئادەت، قائىدە – يوسۇنى پوشكال ئارقىلىقمۇ ئىپادىلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار(ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنمۇ) ئۆلۈم – يېتىم، نەزىر – چىراغلاردا پوشكال سېلىپ، مەرھۇملارنى ياد ئەتسە، توي – تۆكۈن، ھېيت – بايراملاردىمۇ پوشكال سېلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئاسايىشلىق، بەختلىك كۈنلىرىنى قۇتلۇقلىغان.
خەلقىمىز تائاملارنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ قالماي، مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە تاتلىق – تۇرۇملارنى پىشۇرۇپ ئىستېمال قىلىشقىمۇ سەل قارىمىغان. ئۇيغۇر پېچىنە – پىرەنىكلىرىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، مەززىلىك، سۈپەتلىك، شەكلى ھەر خىل بولۇپ، گۈللەرگە، كېپىنەكلەرگە، ئاسمان جىسىملىرىغا، ئۇچار قۇشلارغا تەقلىد قىلىپ ياسالغان. تۇرپاننىڭ ئاستانە قەدىمكى قەبرىستانلىقىدىن (ۋاقتى تاڭ سۇلالىسىگە توغرا كېلىدۇ) گۈل بەرگىسىمان، قاينام نۇسخا، كېپىنەك، يوپۇرماق شەكىللىك پېچىنە – پىرەنىكلەر قىزېۋىلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا تۇرپان مىڭئۆي تام رەسىملىرىدىن ۋە قەبرىلەردىن تېپىلغان دۇردۇن، كاناپ رەخت، قەغەزلەرگە چۈشۈرۈلگەن رەسىملەردىنمۇ بۇنداق پېچىنە – پىرەنىكلەرنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ئۇيغۇرلارنىڭ پېچىنە – پىرەنىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى ئۇزاق، شەكلى ئۆزگىچە بولۇپ، مىللىتىمىزنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيانقى خاس مىللىي پىسخىكىسى ۋە ئەنئەنىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان.
يۇقىرىقى بايانلار ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك تەتقىقاتىدىكى ھەممە مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىسىمۇ، بىز ئۇلاردىن ئۇيغۇر يېمەك – ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ بىر پۈتۈن مىللىي مەدەنىيىتىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكى، ئۇلارنى يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەتقىق قىلغاندا مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى تېخىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر مەنەلەرگە ئىگە قىلالايدىغانلىقىمىز ھەققىدە قىسمەن چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولۇشىمىز مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرساق، مىللىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى يۈكسىلىشلىرىدە مەلۇم ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيمىز.