بالىلار غىزاسى

تاتلىق يېمەك ۋە يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلى

تاتلىق يېمەكلىكنى دائىم يېگەندە ئاسانلا يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالىدۇ

خىلمۇ-خىل قەنت-كېزەكلەر، تاتلىق شاكىلات، سوغۇق ماروژنى … قاتارلىق تاتلىق يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى بالىغا نىسبەتەن چەكسىز قىزىقتۇرۇشچانلىققا ئىگە. «تاتلىق-تۈرۈم چىشقا زىيانلىق» بۇ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ تاتلىق يېمەكلىك يېيىشىنى چەكلەشتىكى سەۋەبى بولسا كېرەك. ئەمما تاتلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپلەپ يېگەندە، يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاتلىق-تۈرۈملەرنىڭ تەركىبىدىكى شىكەر ماددىسى ماددا ئالمىشىش جەريانىدا كۆپلەپ ۋېتامىنB1 غا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ھەمدە بەدەندىكى كالتسىينىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ۋېتامىنB1 كۆرۈش نېرۋىلىرى (视神经)نى قوغداش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنىڭ مىقدارىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى كۆرۈش نېرۋىسىنىڭ ھالىتىگە تەسىر قىلىدۇ. كالتسىي بولسا كۆز قىسىمنىڭ «قوغدىغۇچىسى» بولۇپ، بەدەندە كالتسىينىڭ مىقدارى يېتەرلىك بولمىسا، كۆرۈش تور پەردىسى (视网膜)نىڭ ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، كىرىستال قىسمىنىڭ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن كۆز قارىچۇقىنىڭ ئالدى-كەينى قىسمى ئۇزىراپ، ھەمدە مۈڭگۈز پەردە كىرپىكسىمان مۇسكۇلى (角膜睫状肌) دا قايتىش خاراكتىرلىق كېسەللىك ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ-دە، كۆز قارىچۇقى دىۋارى (眼球壁)نىڭ ئىلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ، يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك؟

يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى ئۇنىڭدىن ساقلىنىش.

بىرىنچىدىن، بالىدا ياخشى بولغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش كېرەك. 1 ياشتىن بۇرۇن، بالىنىڭ يېمەكلىكىگە ھېچقانداق قەنت قاتماسلىق كېرەك. 1 ياشتىن كېيىن، قەنت مىقدارى تۆۋەن بولغان قېتىق، پىچىنە-پىرەنىك دېگەندەكلەرنى مۇۋاپىق قوشسا بولىدۇ. شاكىلات تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرنى 3 ياشتىن ئاشقاندا ئاندىن بېرىش كېرەك. «جۇڭخۇا خەلق ياش-ئۆسمۈرلەر يېمەكلىك ئىستېمال كۆرسەتمىسى» گە ئاساسلانغاندا، شاكىلات يېيىش قېتىم سانى ھەر ھەپتىسىگە 1-2 قېتىم، ھەر قېتىمدا 1 پارچە بولسا مۇۋاپىق. شۇنىڭدەك ئىمكانقەدەر كاكائو مېيى %50 تىن يۇقىرى بولغان قارا شاكىلاتنى تاللاپ يىگۈزۈش كېرەك. ھەر خىل ھەسەل تۈرى، مەسىلەن، بالقات (果脯)، بۆلجۈرگەن، خورما (蜜枣) قاتارلىقلارنى ئىلاج بار بالىغا يېگۈزمەسلىك كېرەك.

ئىككىنچى، ياز كۈنلىرى، بالىغا يەرلىك ئىچىملىكلەردىن كۆپرەك بېرىپ، قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغان ئىچىملىكلەرنى بېرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. ۋىتامىن، كالتسىي مىقدارى مول بولغان يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك بېرىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئادەمدە 6 پارچە كۆز سىرتى مۇسكۇلى بار بولۇپ، چايناش پۈتكۈل كۆز چانىقى (眼眶)نىڭ يىتىلىشىگە پايدىلىق، بولۇپمۇ كۆز مۇسكۇللىرىنىڭ يىتىلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ پايدىلىق. چاينىغاندا، كۆز سىرتقى مۇسكۇلى (眼外肌) بىرىكمە ھەرىكەت ھالىتىدە تۇرۇپ، بۇ مۇسكۇللارنى تولۇق چېنىقتۇرۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. شۇڭا چايناش ناھايىتى ياخشى بولغان كۆز گىمناستىكىسىدىن ئىبارەت.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button