بالىلار غىزاسى

بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئوزۇقلۇقى ـــ ئانا سۈتى

ئانا سۈتى تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاسانلا ھەزىم بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. ساغلام ئانا سۈتىنى ئېمىش بوۋاقلار ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئوزۇقلۇق مەنبىيىدۇر.
ئانا سۈتى تەركىبىدىكى α لاكتالبۇمىن (α乳白蛋白) لاكتوزىنىڭ ھەزىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرگە، تەركىبىدىكى يەنە ئاز مىقداردىكى لاكتوفېررىن (乳铁蛋白) بوۋاققا كېرەكلىك بولغان تۆمۈر ماددىسىنى تولۇقلىغاندىن سىرت يەنە چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيەسى (大肠杆菌)نى چەكلەش رولىغا ئىگە. شۇڭا ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلاردا ئاسانلىقچە ئىچ سۈرۈش ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەيدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدىكى نۇكلېئوتىد (核苷酸) بوۋاق تېنىدىكى ئاقسىلنىڭ بىرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئانا سۈتىدىكى ماي ئاساسلىقى ئەركىن ماي كىسلاتاسىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. ئانا سۈتى تەركىبىدە يەنە بىر قەدەر يۇقىرى مىقداردا لىنولېنىك كىسلاتا (亚麻油酸) بار. ئانا سۈتىدىكى كالتسىينىڭ سۇ مىقدارى گەرچە يۇقىرى بولمىسىمۇ، ئەمما ئاسانلا قوبۇل قىلىنىدۇ. ئانا سۈتىدىكى لاكتوزا (乳糖) بوۋاقلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلىشىدە ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا، تۇغۇلغاندىن باشلاپ 6~7 ئايلىق بولغان بوۋاقلار ئەگەر ئانا سۈتى بىلەن بېقىلسا، ئاساسەن ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئەھۋالى كۆرۈلمەيدۇ.
كىچىكىدىن باشلاپ ئانا سۈتىدە چوڭ بولغان بوۋاقلار ئەگەر مۇۋاپىق بېقىلسا، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئەھۋاللىرىمۇ ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ. ئەگەر ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاسانلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. بوۋاقلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇزۇقلۇقى ئانا سۈتى بولۇپ، ئانا سۈتىدە كۆپ خىل يۇقۇملىنىشقا قارىشى تۇرغۇچى ئىممونىتېت تەركىبى بولۇپ، بوۋاقلارنىڭ ئىممونىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. مەسىلەن، ئىممۇنىتېتلىق گلوبۇلىن (免疫球蛋白)، لىمفا ھۈجەيرىسى (淋巴细胞)، چوڭ يۇتقۇچى ھۈجەيرە (巨噬细胞)، دانچىلىك ھۈجەيرىلەر (粒细胞)،  لاكتوفېررىن (乳铁蛋白)، قوش ئاچىلىق گېن (双歧因) ۋە لىزوزىما (溶菌酶) قاتارلىقلار.

يۇقىرىقى ئىممونىتېت تەركىپلەرنىڭ ئاساسلىق رولى قانداق بولىدۇ؟

بۇ ئىممونىتېت تەركىپلەر ئاشقازان ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىشى قاتارلىق يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بوۋاقنى ئانا سۈتىدە بېقىش يەنە بىر تەرەپتىن ئانا-بالا مېھرى-مۇھەببىتىنى كۈچەيتىدىغان بولۇپ، بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشى بولۇپمۇ بوۋاقنىڭ ئەقلى-قابىلىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە ئانىنىڭ كۆپلەپ پەپىلىشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بوۋاقنى ئانا ئۆزى ئېمىتىش جەريانىدا بوۋاق بىلەن ئانىنىڭ ئۇچىرىشىش پۇرسىتى كۆپ بولۇپ، بۇ بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بوۋاقنى ئانا سۈتىدە بېقىش ئىقتىساد جەھەتتە قولايلىق
ئانا سۈتىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېجەشلىك، قولايلىق، تېمپىراتورىسى مۇۋاپىق، سۈنئىي ماددىلار (سۈنئىي ئىشلەپچىقىرىلغان)نى قوشۇش ئېھتىياجى يوق بولۇش شۇنىڭدەك يەنە ئانا سۈتىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىشكە بولۇش، ئانا سۈتىنىڭ بوۋاقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ كۆپىيىشى، ئانا سۈتىنىڭ پاكىزە بولۇش ۋە بولغانمىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.
بوۋاقنى ئانا سۈتىدە بېقىشنىڭ تۇغۇتتىن كېيىنكى بالىياتقۇنىڭ تارىيىپ ئەسلىگە كېلىپ، ئانا تېنىنىڭ بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق. ئېمىتىش مەزگىلىدە، ئادەتتە ھەيز كەلمەيدۇ، بۇ پىلانلىق تۇغۇتقا پايدىلىق. تېبابەتتە يەنە بالا ئېمىتكۈچى ئانىنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتىنىڭ بالا ئېمىتمەيدىغان ئانىغا قارىغاندا كىچىك بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button