ئاياللار تۇرمۇش
قىزلار تەگسە بولمايدىغان 9 خىل ئەر
- زوراۋان ئەر. بۇ خىل ئادەم بىلەن توي قىلسىڭىز، ئۆمرىڭىز مەڭگۈ ئۇنىڭ تايىقى ۋە ئەپۇ سورىشى ئىچىدە ئۆتىدۇ.
- شەخسىيەتچى ئەر. بۇ خىل ئادەملەر ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىڭلا كويىدا يۈرىدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆلۈش- تىرىلىشى بىلەن ھەرگىز كارى بولمايدۇ، باشقىلارنىڭ ئۆزىگە مۇتلەق دەرىجىدە پىداكارلىق كۆرسىتىشىنى، سادىق بولۇشىنىلا تەلەپ قىلىدۇ، لېكىن ئۆزى باشقىلارغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، «ئا»نى بىلىپ،«ب»نى بىلمەيدۇ، ئۇلار ئىنتايىن ھېلىگەر، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىدىن ئامال قىلىپ ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرىدۇ. ئىقتىسادى جەھەتتىن بۇنداق ئادەمگە بېقىنىپ قالسىڭىز، بىر ئىتقا ئوخشاپ قالىسىز.
- ئۈژمە كۆڭۈل ئادەملەر. تولىمۇ ئۈژمە كۆڭۈل كىشىلەر باغرى تاش كېلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ماھارىتى شۇكى، ئۇلار سىزگە ئاشىق ـ بىقارار بولغان قىياپەتكە كىرىۋېلىشقا ئۈستا. بىراق پەقەت جىنسى ئالاقە قىلىشلا ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى، سىز ئۇنداقلارغا ئۆزىڭىزنى تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز، كېيىن سىزنى تاشلاپ يەنە باشقىسىنى تاپىدۇ.
- مۇستەبىت ئادەملەر. بۇنداق ئەرلەر ئۆزىنى خۇدادەك كۆرىدۇ، ھەممىدە ئۇنىڭكىنى ئاڭلىمىسىڭىز بولمايدۇ، ھەقىقەت مەڭگۈ شۇنىڭدا بولىدۇ، ھۆكۈمنى ھامان شۇ چىقىرىدۇ. بۇنداق ئادەملەر باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقتىۋېتىشكە، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى گۇمراى قىلىۋېتىشكە تولىمۇ ماھىر كېلىدۇ. ئۇلار سىزنى بىر ئۆمۈر چاڭگىلىغا ئېلىۋالالايدۇ.
- يالغانچى ئادەملەر. سىزنىڭ يالغان سۆزلەشنى ئادەت قىلىۋالغان يېقىن ئادىمىڭىز يالغانچىلىقىنى ئۆزىگە تىيەك قىلۋېلىپ، ئىچى باشقا، تېشى باشقا، يالغان بىلەن راستنى پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بولسا، ئۆمرىڭىز يالغانچىلىق، قۇۋلۇق ـ شۇملۇق، سۈكۈت تېرىكىش بىلەن ئۆتىدۇ. يالغان گەپنى سۇدەك قۇيۋېتىپ، ئاخىرىدا ئۇ يالغان گەپگە ئۆزىمۇ ئىشىنىپ قالىدىغانلارنىڭ ھەقىقى ئەھۋالغا بولغان تونۇشى ئاجىزلاپ كېتىدۇ، ئۆزىنىمۇ بۇرمىلىۋېتىدۇ.
- ئوزىنى قالتىس چاغلايدىغان ئەلەر: مۇنداق ئەرلەر ئاياللارنى ھۆرمەتلىمەيدۇ، باراۋەرلىكنى ئىنكار قىلىدۇ. ئاياللار بۇنداق ئەرلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالسا، ئۇلارنىڭ سىزىقىدىن چىقالمايدىغان، ھەر جەھەتتىن تىزگىنلىنىدىغان بىر گومۇشقا ئايلىنىپ قالىدۇ.
- ئاپتۇۋۇزدا بۇلۇشىغا تاماكا چىكىدىغان، ھەتتا ھاراق ئىچىدىغان ئەرلەر: بۇنداق ئەرلەر ئۆز نەپسىنى دەپ باشقىلارنى زەھەرلەيدۇ. ئۇلارنىڭ قولىدىن چوڭ ئىش كەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ شەخسى ئەخلاق ساپاسى تۆۋەن بولغاچقا، ئاممىۋى ئەخلاق كۆز قارىشىمۇ ناچار بولىدۇ.
- چاقچاق كۆتۈرەلمەيدىغان ئەرلەر: بۇنداق ئەرلەرنىڭ يۇمۇرىستىك تۇيغۇسى يوق، مىجەزى چۇس، تۇتامى يوق ، ئىچى تار، تەرسا كېلىدۇ، يوقىلاڭ ئىشلارنى تىلغا ئالىدۇ، ئاداۋەت ساقلاپ ئۆچ ئېلىش كويىدا بولىدۇ.
- ئاممىۋى سورۇنلاردا يان تېلېفونىنى كۆز- كۆز قىلىدىغان ئەرلەر: بۇ، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت روھى ھالىتىنىڭ تۇترۇقسىزلىقى بولۇپ كىشىنى سەسكەندۈرىدۇ.
مەنبەسى: پەقىر تۈزگەن ”مىزاج ۋە خاراكتېر“ ناملىق كىتابتىن ئېلىندى.