ئاياللار تۇرمۇش

ئاياللار 40 ياشقا كەلگەندە

ئاياللار 40 كىرگەندە ئايرىلىپ قېلىشتىن قورقىدىغان گۈزەللىكنىڭ ئۆزلىرىنى ھامان تاشلاپ كېتىدىغانلىقىنى تۇيۇقسىزلا ھېس قىلىدۇ. نىكاھ تۇرمۇشى خۇددى تىنچ سۇدەك بىر قېلىپقا چۈشۈپ، يېڭىلىق، ھاياجان كېمىيىدۇ. بالىلىرىمۇ ئۆزلىرى بىلەن بوي تالىشىپ «ماڭا دەخلى قىلما» دەيدىغاندەك بولىدۇ. ھەمراھىنىڭ بارغانسېرى سالاپەتلىك بولۇپ كېتىشى، كەسىپتە، ئىقتىسادىي جەھەتتە مەلۇم ئاساسقا ئىگە بولۇشىمۇ ئايالنى خۇشال قىلىش بىلەن تەڭ «ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇشۇم كېرەك» دېگەن ئويغا كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن 40 ياشلىق ئايالنى مەنىسزلىك، زېرىكىش، تەنھالىقتەك تۇيغۇ بوزەك قىلىشقا باشلايدۇ. ئەلۋەتتە مەنىسىزلىك، زېرىكىش، تەنھالىق تۇيغۇسى بالىلاردىن تارتىپ ياشانغان كىشىلەرگىچە ھەرقانداق ئادەمدە بولىدىغان تۇيغۇ بولۇپ، بۇ خىل تۇيغۇنى كەيپىياتىنى تەڭشەش ئارقىلىق تامامەن يېڭىپ كەتكىلى بولىدۇ. بىراق ئاياللار 40 ياشقا كىرگەندە بۇ خىل تۇيغۇ پەيدا بولۇپ قالسا، كۆپ ھاللاردا شۇ خىل كەيپىياتتىن قانداق قۇتۇلۇشنى ئەمەس، شۇ خىل كەيپىياتى ئۈچۈن باھانە ئىزدەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئەمەس، تېخىمۇ چوڭقۇر چۆكىدۇ. مەسىلىنىڭ سەۋەبى ئېنىق بولغاندا، ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش تەسكە توختايدۇ. يەنە ئاياللار 40 ياشقا كىرگەندە كەيپىياتىدا ئۆزگىرىش بولۇپ، شۇ خىل كەيپىياتنىڭ تەسىرىدىن ئۇزاققىچە قۇتۇلالمىسا، ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقى ئۈستىدە ئويلىنىپ باقسا بولىدۇ. چۈنكى 40 ياشلىق ئاياللارنىڭ ئۆزىگە يۈزلىنىدىغان، ئۆزىدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ھاياتىدىكى ئالاھىدە دەۋرنى بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگەن ھالەتتە كۈتۈۋالىدىغان يېشى. شۇ سەۋەبتىن 40 ياشلىق ئايال ئۆزىنىڭ نېمە بولغانلىقىنى، نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىش بىلەن تەڭ، مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىشنىمۇ بىلىشى كېرەك.

ئەلۋەتتە، ھايات پۈتۈنلەي ئادەمنىڭ ئارزۇسىدەك بولمايدۇ. ھەرقانداق ئادەمنىڭ تۇرمۇشتىن ئۈمىدسىزلىنىدىغان، ھاياتىنى مەنىسىز ھېس قىلىدىغان ۋاقىتلىرى بولىدۇ. ھەتتا بەزىدە بىر توپ ئادەمنىڭ ئىچىدە تۇرۇپمۇ تەنھالىق تۇيغۇسىغا پېتىشى مۇمكىن. مەنىسىزلىك تۇيغۇسى، ئۆزىنى يالغۇز ھېس قىلىش، سەۋەبسىز تىت-تىت بولۇش، زېرىكىش ئادەمنىڭ كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن بولسا، ياكى شۇ سەۋەبلىك تۇرمۇشىغا دەخلى يەتمىگەن بولسا، «ھەر قانداق ئادەمدە پەيدا بولىدىغان تۇيغۇغۇ بۇ» دەپ ئۆتكۈزۈۋەتسەك بولاتتى. بىراق ئادەمنى مەنىسىزلىك چىرمىۋالغاندا قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغان گەپ، گەپ شۇ ھەرىكەتتە. كۆپ ھاللاردا بۇ خىل تۇيغۇ كۈچلۈك بولۇپ كەتكەندە ئادەمنىڭ كەيپىياتى بۇزۇلىدۇ. كەيپىيات بۇزۇلغان ئىكەن، سۆز-ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەڭ چاتاق بولغىنى، مەنىسىزلىكتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تاللىغان يولى نىكاھ تۇرمۇشىغا پايدىسىز بولۇپ قالسا، ئۆز خاتىرجەملىكىنى ئۆز قولى بىلەن بۇزغانغا باراۋەر.
ئۇنداقتا، مەنىسىزلىك نېمە سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ؟ مەنىسىزلىكنى پەيدا قىلىدىغان سەۋەبلەرنى تۆۋەندىكى تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ.

  1. رېئاللىق ئارزۇسىدىكىدەك بولماسلىق.
    2. ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلمەسلىك.
    3. باشقىلار سەۋەبلىك ئۆزىنى يوقىتىپ قويۇش، يەنى ئۆز غايە، ئارزۇ نىشانىنى يوقىتىپ قويۇش.
    4. مەلۇم بىر خىل مۇناسىۋەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش مۇمكىن بولماي قېلىش.

مەن 40 ياشلىق ئاياللار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا، مەنىسىزلىك تۇيغۇسىغا چۆمگەن بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى قوغلاشقۇچىغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدىم. ئۇنداقتا نېمە سەۋەبتىن قاچقۇچى ئەرلەر، قوغلاشقۇچى ئاياللار كۆپ بولىدۇ، بۇ ئەر ۋە ئايالنىڭ ئەسلىدىكى پسىخىكىلىق ئېھتىياجىغا يات ئەمەسمۇ؟ بۇ بىزنىڭ ئىزدىنىپ بېقىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرقانداق بىر مۇناسىۋەتتە قاچقۇچى ۋە قوغلىغۇچى، ياخشى كۆرگۈچى ۋە ياخشى كۆرۈلگۈچى بولىدۇ. ساغلام بولغان نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بۇ خىل ھالەت ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپتە ئالمىشىپ تۇرىدۇ. نىكاھ تۇرمۇشىدىكى خۇشاللىق ۋە يېڭىلىق تۇيغۇسى شۇ سەۋەبلىك مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ. بىراق نىكاھ مۇناسىۋىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەن ئائىلىلەردە يۇقىرىقىدەك تەڭپۇڭ ھالەتتىكى ئالمىشىش بولمايدۇ، يەنى بىر تەرەپ قاچقۇچى، يەنە بىر تەرەپ قوغلاشقۇچىنىڭ رولىنى ئېلىۋېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنداق ئائىلىلەردە بەخت تۇيغۇسى كەمچىل بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button