ئېرىڭىزنىڭ ئالدىدا «دۆت» رەك بولۇۋېلىڭ
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا «دۆت» رەك خانىملار ئەرلەرگە تېخىمۇ سۆيۈملۈك كۆرۈنۈپ، ئەرلەرنىڭ ئىچ-ئىچىدىن مۇلايىملىقى ۋە قوغداش ئېڭىنى قوزغىتىدىكەن، تەكىتلەشكە تېگىشلىك يېرى شۇكى، كۆپ قىسىم ئەرلەر ئايالىنىڭ گۈزەل چىرايىغا، ئېسىل ئائىلىدىن كېلىپ چىققانلىقىغا نىسبەتەن پەخىرلىنىش ھېسسىياتىدا بولىدۇ، ۋەھالەنكى ئايالىنىڭ بىلىم سەۋىيىسى، شۇنىڭدەك تەربىيلىنىشى ئۆزىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئىقرار قىلىشنى خالىمايدۇ.
ئوقۇش تارىخى ئۈستۈن، قابىلىيەتلىك ئاياللار ئالدىدا، ئەرلەر دائىم ئالاقزادە بولۇپلا يۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار بىلەن تۇرمۇش قۇرغاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت دائىرىسى ۋە ئىجىتمائىي مۇناسىۋەت باغلاش ئىقتىدارى ئۆزىنى بېسىپ چۈشىدۇ _ دە، ئۆزى بارا-بارا پەسكويغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، بۇنداق ئاياللار جەمئىيەتتە ئوڭايلا باشقا ئەرلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، بۇنىڭ بىلەن باشقا ئەرلەرنى ئېرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ-دە، ئەرلەر تېخىمۇ پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. شۇڭا، ئەرلەر ئايالىنىڭ ئۆزىدىن ئەقىللىق بولۇپ كېتىشىنى خالىمايدۇ. مۇشۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ ئالدىدا نېمىشقا بىر نەچچە قېتىم «دۆت» بولۇۋالمايسىز؟
بىراق، مۇنەۋۋەر ئاياللار شۇنىمۇ بىلىشى كېرەككى، بەك ئۇزۇن «دۆت» بولۇۋالماڭ، بولمىسا «چاپىقىنى ئالىمەن دەپ كۆزىنى قارىغۇ قىلىپ قويىسىز».
ئاياللار گەرچە ئەرلەرنىڭ ئالدىدا ئازراق زىيان تارتسىمۇ، بىراق ئەرلەرنىڭ مۇھەببىتىگە ۋە تېخىمۇ كۆپ كۆيۈنۈشىگە ئېرىشەلەيدۇ، زىيانغا سېلىشتۇرغاندا، «دۆت» خانىم بولۇشنىڭ ھېچقانداق زىيىنى يۇق.
ئۆزىڭىزدىكى ئاجىزلىق ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ كەتمەڭ، ئەرلەر گىپىسقا قاتۇرۇپ قويغاندەك ساھىبجامالنى ئېلىشقا خۇشتار ئەمەس.
__ كىركىسلىر
كەمتەرلىكتىن كېلۇر ئىززەتۇ-ئېكرام،
كىبىرلىكتىن يامان بولار ياخشى نام.
__ ناسىر خىسراۋ