ئاياللار تۇرمۇش

ئەڭ تېجەشلىك ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ھەرىكەت

سەمرىپ كەتكەن نۇرغۇن ئاياللار كۈندۈزى ئىشلەپ، كەچتە كىر يۇيۇش، تاماق ئېتىشتەك ئىشلىرىنى قىلىپ، ھېرىپ-چارچىسىمۇ ئورۇقلاش مەقسىتىگە يېتەلمىگىنىگە ھەيران قېلىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئىلمىي ھەرىكەت قىلمىغان ياكى ھەرىكىتى يېتەرلىك بولمىغان. نوقۇل ئائىلە ئەمگىكى ھەرىكەتنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ.
ئىلمىي ھەرىكەت دېگەن نېمە؟ دۇنيادا ئەڭ ياخشى، ئەڭ تېجەشلىك ھەرىكەت پىيادە مېڭىش بولۇپ، گولۇف توپ، دومىلىما توپ، سۇ ئۈزۈشلەرمۇ پىيادە مېڭىشنىڭ ئورنىنى باسالمايدۇ. ھازىر شىمالىي ئامېرىكىدىلا ھەر كۈنى 80 مىليون ئادەم پىيادە مېڭىش ھەرىكىتىگە قاتنىشىدۇ. ياۋرۇپادا پىيادە ساياھەت قىلىش ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مودىغا ئايلاندى.
پىيادە مېڭىش ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپ، مېڭىپ بەرسە تېخىمۇ چوڭ نەپكە ئېرىشىدۇ. ئاياللار ئادەتتە جىددىي ھەرىكەتلەرگە كۆپ قاتناشمىغاچقا ھەر كۈنى 30 مىنۇت، ھەر ھەپتىدە بەش قېتىم پىيادە مېڭىپ بەرسە، مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %30 تۆۋەنلەيدۇ، ئەگەر ھەر كۈنى 45 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە پىيادە مېڭىپ بەرسە، مېڭە سەكتىسىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %40 تۆۋەنلەيدۇ.
ئاياللار پىيادە مېڭىپ بەرسە تېخىمۇ چوڭ نەپكە ئېرىشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button