ئاياللارنىڭ كلىماكتېرىيە دەۋرىدىن قۇتۇلۇشى تەس
كىشىلىك ھايات تەرتىپلىك، ئۆزگىرىشچان تەرەققىيات جەريانىدۇر، ئوخشىمىغان ياشتىكى ئادەملەردە ئوخشىمىغان فىزىئولوگىيىلىك ۋە پسىخىكىلىق ئالاھىدىلىكلەر كۆرۈلىدۇ. كلىماكتېرىيە دەۋرى تېببىي ئاتالغۇ بولۇپ، ئاياللارنىڭ تۇغۇت مەزگىلىدىن قېرىلىق مەزگىلىگە ئۆتۈشتىكى ئۆتكۈنچى دەۋرنى كۆرسىتىدۇ. كلىماكتېرىيە دەۋرى ئەرلەردىمۇ، ئاياللاردىمۇ بولىدۇ، بىراق ئەر-ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى ئوخشاش بولمىغاچقا، ئاياللارنىڭ كلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىشى ئەرلەردىن بالدۇر بولىدۇ، كلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئالامەتلەر ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.
40-55 ياش ئارىلىقىدىكى ئاياللاردا ئىچى سىقىلىش، بېشى قېيىش، كۆزى قاراڭغۇلىشىش، قىزىش، سوغۇق تەرلەش، قان بېسىمى ئېگىز-پەس بولۇش، ئاسان ھاياجانلىنىش ۋە ئاسان ئاچچىقلاش، تىتىلداش، گۇمانخورلۇق، كۆپ چۈش كۆرۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتى ئاجىزلاش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئويلىغىنىنى ئېيتالماسلىق، قورسىقى ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، ئىششىش، كوت-كوت بولۇپ قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، كلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرگەنلىك بولۇپ، كلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئالامەتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
كلىماكتېرىيە دەۋرى ئاياللارغا فىزىئولوگىيە جەھەتتە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي پسىخولوگىيە جەھەتتە تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. كلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرگەن نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ قېرىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىپ كۈنلىرىنى ساراسىمە ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياللارنىڭ ئائىلىدە، خىزمەت ئورنىدا بېسىمى ئېغىر بولغاچقا، ئۇلار دائىم بولمىغۇر خىياللارنى قىلىش، ئاسان چېچىلىش ھەتتا ياشاشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى پەيدا بولۇپ، ئۆزى ۋە ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاۋارىچىلىك پەيدا قىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ كلىماكتېرىيە دەۋرىگە كىرىشى ئەرلەردىن بالدۇر بولىدۇ، ئاياللارنىڭ كلىماكتېرىيە دەۋرىدىكى ئالامەتلىرى ئەرلەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ.