خانىم-قىزلار تاماقنى قانچە ئاز يېسە، كېسەللىك بارغانسېرى كۆپىيىدۇ
ھازىرقى دەۋىردىكى خانىم-قىزلار گۈزەل، زىلۋا بەدەن شەكلىگە ئىگە بولۇشنى كۆزلەپ، تاماقنى ئاز يېيىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالىدۇ. بىراق، تاماقنى بەك ئاز يېگەندە، خانىم-قىزلاردا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.
چاچ چۈشۈش:
ھەدىدىن زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ياغ ۋە ئاقسىل مىقدارىنىڭ تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولمىغانلىقتىن، دائىم چاچ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، چاچنىڭ رەڭگىمۇ بارغانسېرى پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. ئەگەر تاماقنى بەك ئاز يېسە، چاچقا كېرەكلىك بولىدىغان ئوزۇقلۇق ماددىلار كەمچىل بولۇشى سەۋەپلىك،چاچ قوبۇل قىلىدىغان تۆمۈرنىڭ مىقدارى كېمىيىپ كېتىدۇ-دە، چاچ سارغىيىپ، پارقىراقلىقىنى يوقىتىپ، نەتىجىدە كۆپ مىقداردا چاچ چۈشۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
سۆڭەك بوشىشىش:
بەدىنى ئورۇق قىزلارنىڭ داس سۆڭىكىنىڭ سۇنۇش نىسبىتى باشقا ئۆلچەملىك بەدەن ئېغىرلىقىغا ئىگە قىزلارغا قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، چۈنكى بەدىنى ھەددىدىن زىيادە ئورۇق كىشىلەرنىڭ بەدىنىدىكى ئانىلىق جىنسى ھورمۇننىڭ سەۋىيىسى يېتەرسىز بولغانلىقىتىن، كالتسىي ۋە سۆڭەكنىڭ بىرلىشىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، نورمال ھالەتتىكى سۆڭەك زىچلىقىنى ساقلىيالمايدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئاسانلا سۆڭەك بوشىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، سۆڭەك سۇنىدۇ .
ئاشقازان ئاستىغا ساڭگىلاش:
قورساقنى ئاچ قويۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئورۇقلايدىغان قىزلاردا دائىم ئىشتىھاسىزلىق، قورسىقى كۆپۈش، قورساق ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. بۇلار دەل ئاشقازان ئاستىغا ساڭگىلاشنىڭ بېشارەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈنەرلىك بولغانلاردا قورساق قىسمى بىئاراملىنىش، تويۇنۇپ كۆپۈۋېلىش، ئاستىغا ساڭگىلىغاندەك سېزىمدا بولۇش ئەھۋاللىرىمۇ كۆرۈلۈپ، تاماقتىن كېيىن ئۆرە تۇرغاندا ياكى چارچاپ كەتكەندە بۇ خىل ئالامەتلەر بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئېغىرراق بولغان خانىم-قىزلاردا يەنە جىگەر، بۆرەك، بوغماق ئۈچەي قاتارلىقلاردىمۇ پەسكە ساڭگىلاش ھادىسلىرى بىللە كۆرۈلىدۇ.