ئاياللار تۇرمۇش

قىز-ئاياللار ئاسانلا خاتا چۈشىنىۋالىدىغان قاراشلار

تېرىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بەلكىم ئىستېمال قىلغان تۇزنىڭ كۆپ بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، شۇنداقمۇ؟
جاۋاب: توغرا
تۇزنىڭ ئىستېمال مىقدارى «ئىككى بىسلىق پىچاق» قا ئوخشايدۇ، بولۇپمۇ ئاياللارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. تۇزلۇقراق تاماق يەيدىغان ئاياللارنىڭ كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ تېرىسى قارىراق، تېرە دېغى، قورۇق كۆپرەك بولىدۇ. چۈنكى تۇزنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، بەدەندىكى ناترىي ئېلېمېنتى كۆپىيىپ كېتىپ، يۈز قىسمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ سۇ يوقىتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا، تېرىنى قېرىتىۋېتىدۇ.
كۆز ئەتراپى قارىداپ كەتسە ئۇنى ئۇيقۇسىزلىقتىن ياكى چارچاشتىنلا كۆرمەڭ. مۇتەخەسسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، بۇ بەلكىم ئاياللار كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. مۇبادا كۆز ئەتراپى قوڭۇر رەڭلىك ياكى كۈل رەڭلىك ئايسىمان سىزىقچى بولسا، بۇ بەلكىم ئېغىر ئۇيقۇسىزلىق، قان ئاجىزلىق، ھەيز قالايمىقان كېلىش، فۇنكىسىيىلىك بالىياتقۇ قاناش قاتارلىق ئاياللار كېسىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن، بۇنداق ئەھۋالدا تېزرەك دوختۇرغا بېرىپ كۆرۈنگەن ياخشى.
ھەر كۈنى پەرداز قىلىش راكقا گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، توغرىمۇ؟
جاۋاب: توغرا!
توغرا، بۇ ھەرگىزمۇ مۇنداقلا تارقالغان گەپ ئەمەس، پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل خىمىيەلىك ئېلېمېنتلار بولىدۇ، كىشىنى ئەڭ ئەنسىرىتىدىغىنى پەرداز بۇيۇملىرىغا قوشۇلغان چىرىشتىن ساقلىغۇچى ماددىلار.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button