مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىنى قانداق ھېسابلاش كېرەك؟
ھېسابلاش ئۇسۇلى: ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز ئېيىغا 9 نى قوشۇش ياكى 3 نى ئېلىپ، ئاندىن 7 كۈننى قوشۇش كېرەك.
مەسىلەن، ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز ۋاقتى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بولسا، مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتى مۇنداق بولىدۇ: 6-3=3 ئاي، 9+7=16 كۈن، يەنى مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتى كېلەر يىلنىڭ 3-ئاينىڭ 16-كۈنى بولىدۇ.
ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز ۋاقتى دېگىنىمىز ئاخىرقى قېتىملىق ھەيزدە قان كۆرۈلگەن 1-كۈننى كۆرسىتىدۇ.
مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتى دېگىنىمىز تۇغۇش ۋاقتى بولۇپ، تىببىيدا دائىم ھەپتىنى بىرلىك قىلىدۇ. يەنى، تۇغۇت ھەپتىسى (孕周). ئەمىلى تۇغۇش ۋاقتى مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت ۋاقتىنىڭ ئالدى كەينىدىكى 2 ھەپتە ئىچىدە بولسا نورمال بولغان بولىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ ھەيز دەۋرىيلىكىڭىز ئانچە رېتىملىق بولمىسا، ياكى ئاخىرقى قېتىملىق ھەيز كۈنىنى ئېسىڭىزدە تۇتالمىسىڭىز، ھامىلدارلىقتىن گۇمانلانغان ھامان دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دوختۇرنىڭ ياردەم قېلىپ ھېسابلاپ بېرىشىنى ئۆتۈنسىڭىز بولىدۇ. قانچە بۇرۇن بولسا شۇنچە ياخشى بولىدۇ.