ئاياللار تۇرمۇش

5 تۈرلۈك ئىشنى ئەر-ئايال بىرلىكتە قىلىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ

قارىشى تەرەپكە ئازراق شەخسىي تۇرمۇش بوشلۇقى بېرىش ھەقىقەتەن مۇھىم. بولۇپمۇ ئاياللار ھەممە ئىشتا ئەرلەرنىڭ كۆزىگە كېرىۋالماسلىقى، يولدىشىنى چوڭ-كىچىك ئىشنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى بىلەن بىرگە قىلىشقا قىستىماسلىقى كېرەك.
دائىم بەزى ئاياللارنىڭ ئاغرىنىپ: ئىلگىرى ئۇ مېنى شۇنداق ياخشى كۆرەتتى، مەن نېمە ئىش قىلسام ماڭا ھەمراھ بولۇشنى خالايتتى. مەن ئۇنى تاشلىۋېتەي دېسەممۇ تاشلىۋېتەلمەيتتىم. ئەمما توي قىلغاندىن بېرى ئۇنىڭ ئاشۇ تۈگىمەس ئالدىراش خىزمىتى تۈگىمىگىنى تۈگىمىگەن، ھەپتە ئاخىرىدا ئازراق بوش ۋاقتى چىقسىمۇ ئۆزىنى مەندىن قاچۇرىدىغان، بىر بولسا ئويۇن ئوينىغان ياكى بولسا جان جىگەر قەدىناسلىرى بىلەن ھاراق ئىچىپ پو ئېتىشىپ ئولتۇرغىنى ئولتۇرغان. مەن بىر ئىككى ئېغىز گەپ قىلىپ بولغىچە، ئادەمنى بىزار قىلىۋەتتىڭ دەپ مەن بىلەن كارى بولمايدىغان بولىۋالدى….. دەپ قاقشىغىنىنى كۆرىمىز.

ئاياللارغا تەكلىپ: ھېچ بولمىغاندا تۆۋەندىكى ئىشنى ئىمكانقەدەر يولدىشىڭىز بىلەن بىرگە قىلىشتىن ساقلىنىڭ.

بىرىنچى. بازار ئايلىنىش
بازار ئايلىنىش ئاياللار ئۈچۈن ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش، ئەمما كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۈچۈن بۇ بىر ئازاپلىق ھەم زۇلۇملۇق ئىشتۇر.
ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، بەزى ئەرلەر ئاياللارغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلانغاندا، ئۇلارنىڭ قان بېسىمى تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كەتكەنلىكتىن، مەيدىسى چىڭقىلىش ۋە نەپىسى راۋان بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن.
تەكشۈرۈشلەردە كۆرسىتىلىشىچە، %90 تىن يۇقىرى ئەرلەر ئاياللار بىلەن بىرلىكتە بازار ئايلىنىشنى ياقتۇرمايدىكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىش ئۇلارنىڭ نىكاھ ئىشىدىكى بىر پۇتلىكاشاڭدۇر.

بىر ئايالىغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئەر تۈز كۆڭۈللۈك بىلەن مۇنداق دەيدۇ: ئۇنىڭغا (ئايالىمغا دېمەكچى) ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلانغىنىمدا، مەن ھاياتىمنىڭ پاراسلاپ كۆيۈۋاتقانلىق ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولىمەن. ئەسلىدە بىر ئوبدان ۋاقىتنى بۇ خىل مەنىسىز باھا تالىشىش ۋە يول چىڭداشتەك ئىشقا سەرپ قىلىۋەتتىم. ئۇسساپ، ھېرىپ، تىت-تىت بولۇپ، ئادەم بولغىنىمغا جاق تويدۇم. دائىم مىڭبىر جاپادا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلانسام، يېرىم كۈن ئايلىنىپمۇ ھېچ نەرسە سېتىۋالالمىغاننى ئازدەپ يەنە بىر قىسىم سودىگەرلەرنىڭ كۆز ئالايتىشى ۋە گۇمانلىنىشىدىن قۇتۇلالمايمەن….
ئوخشاش بىر قۇر كىيىمنىڭ ئوخشىمىغان رەڭدىكىسىنىمۇ ئۇ 3~4 قېتىم سىناپ كەيگەن، بۇنى سوراپ ئۇنى سوراپ ئادەمنى جىلە قىلىۋەتكەن. جاۋاب بەرسە ئۇ خۇشال بولمىغان، مۇنداقلا جاۋاب بېرىپ قويسا، ئۇ مېنىڭ دېگەن گېپىمگە پەقەت كۆڭۈل بۆلمىدىڭىز دەپ ئادەمنى تەتۈر قىينىغان. راست گەپنى قىلىشنى شۇنداق ئارزۇ قىلساممۇ راست گەپنى قىلالمىغان، شۇڭا ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشتا ئىككىمىز چوقۇم جىدەللىشىپ قالىمىز. ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ بازار ئايلىنىشقا چىقسا تېخى ئۇرۇشقان، ھەمراھ بولمىسا تېخى ئۇرۇشقان. ئومۇمەن، ئۇ بازار ئايلىنىشنى ئويلاپ قالسىلا، ئىككىمىز بىر قېتىم ئۇرۇشۇپ چىقىمىز. ھازىر ماڭا بازار ئايلىنىشنى ئېيتسىلا، چىرايىمغا چىقىدىغان بولۇپ قالدىم.

قارىغاندا ئەرلەرنىڭ ئىچ-پۇشۇقى خېلى بار ئوخشايدۇ….

ئىككىنچى، ئاتا-ئانا ھەققىدە پاراڭلىشىش
بازار ئايلىنىشتىن باشقا، ئەر-ئايال بىرلىكتە ئاتا-ئانىسى ھەققىدە پاراڭلىشىشمۇ ئاسانلا زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئويلاپ باقساق، ئەر-ئاياللار ئازراق ۋاقتى چىقسىلا ئۆز-ئارا ئاتا-ئانىسى ھەققىدە پاراڭغا چۈشۈپ كېتىدۇ. بولۇپمۇ كەيپىياتى ناھايىتى ياخشى ۋاقىتتا ئاندىن ئۆز-ئارا پاراڭلىشىش پۇرسىتى بولىدۇ. ئەمما، پاراڭلىشا، پاراڭلىشا، ئاياللار بىلىپ-بىلمەي ئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەققىدە پاراڭ سېلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھەر قانچە كىچىك مەسىلىمۇ بىردىنلا ئەۋجكە چىقىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇنداق ياخشى، بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىشىپ زىددىيەت كەسكىنلىشىدۇ.
كۆپ ساندىكى ئەرلەر نۇرغۇن ئىشلاردا ئاياللارغا يول قويسىمۇ، ئەمما يالغۇز ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىشىدا يول قويالمايدۇ. بىر تەرەپتىن ئۆزى تۇغۇلۇشتىنلا بىر ئاز بىپەرۋالىقىدىن ئۇلارغا كۆپ كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن دائىم ئالدىراشچىلىقىدىن ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈشكە زېھنىنى قارىتىپ بولالمىغانلىقتىن كۆڭلى بىئارام بولىدۇ.
ئەسلىدە بۇ ئىشلار تىلغا ئېلىنمىسا، ئەرلەرمۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ئۆتۈپ كېتىدۇ، ئەمما شۇنداق تىلغا ئېلىندىمۇ بولدى پىلتىگە ئوت تۇتىشىپ ئەرلەرنىڭ كەيپىياتى ناچارلىشىدۇ-دە، زىددىيەت ئاسانلا ئەۋجكە چىقىدۇ.

ئەر-ئاياللارغا نىسبەتەن، قېيىنئانىسى، قېيىنئاتىسى ئۇلارنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسى بولمىغاچقا، ھەمدە ئەرلەر يىل بويى ئالدىراش يۈرگەچكە، قېيىنئانىسى ۋە قېيىنئاتىسىغا دېگەندەك ياخشى كۆڭۈل بۆلۈپ بولالمايدۇ. شۇڭا، ئەر-ئاياللار ئۆزئارا بىر بىرىگە يول قويۇشنى ئۆگىنىۋېلىشى بىلەن بىرگە ئاياللارمۇ ئاتا-ئانىسى ھەققىدە ئىمكانقەدەر ئاز سۆزلىشى، تىلغا ئېلىشقا توغرا كەلسىمۇ كەيپىياتقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. بولمىسا كۆپ ھاللاردا زىددىيەتتىن باشقا نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ.

ئۈچىنچى، ھاراق ئىچىپ لاپ ئۇرۇش
ھاراق ئىچىپ لاپ ئۇرۇش ئەرلەرنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرىدىغان ئىچىنى بوشىتىش ئۇسۇلى. بۇ خۇددى ئاياللارنىڭ كەيپىياتى ياخشى ئەمەس ۋاقىتلاردا بازار ئايلىنىپ پارچە-پۇرات نەرسە يېيىشنى ياخشى كۆرگىنىگە ئوخشاش ئىش. ئەمما رېئال تۇرمۇشتا كۆپ ساندىكى ئاياللار ئەرلەرنىڭ بۇ ئادىتىنى چۈشەنمەيدۇ. پەقەت ئۇلارنىڭ ئېرىنىڭ چىقىپ ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى ئۇقسىلا، ئۇلار ئەنسىرەپ چوغقا دەسسىۋالغان توخۇدەك سەكرەپ كېتىدۇ. يولدىشىنىڭ بىر قىسىم قەدىناسلىرى بىلەن بىرگە ھاراپ ئىچىپ ئىچىنى بوشىتىۋېلىشىغا يول قويمايدۇ. ھەمىشە ئۆزىچە ئەرلەرنىڭ بىر يەرگە كېلىشى ياخشى ئىش ئەمەس دەپ قارايدۇ.
شۇڭا، دائىم ئەرلەر سىرتقا چىقىدىغانلىقىنى ئېيتسىلا، دائىم دېگۈدەك ئەگىشىۋالىدۇ. ئەمما ئاياللار ئەگىشىپ بىرگە بارغاندىن كېيىن، ئەرلەر تازا ئەركىن بولالمايدۇ. ئەسلىدىن بىر ئازراق لاپ ئورىدىغان سۆزلەرنىمۇ ئەركىن قىلالمايدۇ. ئەگەر لاپ ئۇرىدىغان سۆزلەرنى قىلىۋەرسە ئاياللار توختىماستىن ئۇنىڭ پۇتىغا دەسسەپ يولدىشىغا كۆز ئىشارىسى قىلىشقا باشلايدۇ.

بىر قىسىم شۇنداق ئەخمەق ئاياللارمۇ باركى، يولدېشىنىڭ قەدىناسلىرىنىڭ ئالدىدىلا قىلچە يۈزىنى قىلمايدۇ. بۇنداق داۋاملاشقاندا، ھەر قانچە ياخشى بولغان يىغىلىشمۇ تېتىقسىز بولۇپ قالىدۇ. ئەرلەر ئەسلىدىن ئىچىنى بوشىتىشنى مەقسەت قىلغان بۇنداق يىغىلىشلار ئەكسىچە ئىچىنى تېخىمۇ بۇرۇقتۇرما قىلىپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپ ساندىكى ئەرلەر قاتتىق نەپرەتلىنىدىغان ئەھۋاللاردۇر.

تۆتىنچى، خىزمەت
بىر دوستىمىز ئايالى بىلەن بىر ئىدارىدە، ھەتتا بىر ئىشخانىدا خىزمەت قىلاتتى. بۈگۈنى خىزمەتدېشىمىز دىلبەر ئۇنىڭغا مۇنداقلا كىچىككىنە سوۋغا بېرىپ قويسا، ئايالى بۇنىڭ ئۈجۈر-بۈجۈرىگىچە سەۋەبىنى سوراپ ئارام بەرمىگەن، ئەتىسى ئۇنىڭدىن سەن پالانى بىلەن ئۇنداق تەلەپپۇزدا سۆزلەشمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى دەپ ئۇنىڭ بىلەن جېدەللەشكەن. ئۆگۈنىسى بولسا ئۇنى قىلالمىدىم، بۇنى قىلالمىدىم دەپ ئۇنى خاتىرجەم خىزمەت قىلغىلى قويمىغان….

بەختكە قارىشى، ئۇ بۇيىل ئۆزىنىڭ قاتتىق تىرىشىشى بىلەن ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ ئاران دېگەندە ئۆسۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولۇپ، ئاخىرى بۇ نەس باسقان ئىشخانىدىن يۆتكىلىپ كەتتى. ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ 5 يىلدىن بېرى ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگەن ئەڭ ياخشى سوۋغىتى ئىمىش.
يەنە بىر دوستىمىز بولىدىغان، ئۇ يۇمشاق دىتال ئېنژىنىرى بولۇپ، دائىم ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن، بەزىبىر مەسىلىلەرنى ئۆيىدە ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىشىكنى تاقاپ قويۇپ ئۆزى يالغۇز ئولتۇرۇپ يولۇققان مەسىلىنى ھەل قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى ئۇنى زادى يالغۇز قويماي ئۇنىڭ يېنىدا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغاچ پوپايكا توقۇپ چىقاتتىكەن. بۇ ئەسلىدە ناھايىتى ئىللىق كۆڭۈل بۆلۈش بولسىمۇ، ئەمما كۆپ قېتىم تەكرارلانغاندىن كېيىن، شۇنىسى ئېنىق بولدىكى، رومانتىكىلىقمۇ ھەمبەھرلىنىشكە مۇمكىن بولماي قالغان.
ئايالى بىردەم ئۇنىڭغا ئەتە توك پۇلىنى تاپشۇرۇۋېتىشنى تاپىلىسا، بىردەم ئۇنى دەپ، ئاخىرى بىر ئاخشام ئولتۇرۇپمۇ ئۇ ھېچ ئىشىنى ئاقتۇرالماس بولۇپ قالغان. ئۇنىڭ سۆزىچە ئېيتقاندا: ئاياللار ئەرلەرگە پەقەت ئوخشىمايدىكەن. ئەرلەر مېڭىسىنى ئىشقا سېلىپ ئىش قىلىدىغان بولغاچقا تىنچ مۇھىتقا موھتاج، ئەمما ئاياللار قول بىلەن ئىش قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كاللىسى ئاسمان-پەلەك چۆرگىلەپ تۇرىدىكەن. شۇڭا ئەر-ئايال ھەرگىزمۇ ئورتاقلاشقىلى بولمايدىكەن…. شۇڭا مەن ھازىر كۆپ ھاللاردا ئىمكانقەدەر ئىشخانىدا سىمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ئىشىمنى تۈگىتىپ بولۇپ ئاندىن ئۆيگە قايتىدىغان بولدۇم….

بەشىنچى، كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈش

راست گەپنى قىلغاندا كورىيە فىلىملىرى ئەرلەر ئۈچۈن ئەڭ قورقۇنچلۇقتۇر. كورىيە فىلىملىرىنى كۆرۈشتە ئاياللار دائىم يولدىشىغا ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ. ئەڭ ئۇنتۇلغۇسىز بولغىنى، ئاياللار كورىيە فىلىملىرىنى كۆرگەندە تۇرۇپ-تۇرۇپ يىغلاپ، كۈلۈپ تاشلايدىغان بىنورمال ئادىتى. نۇرغۇن تازىلىق قەغىزىنى ئىسراپ قىلغاندىن سىرت، يەنە تۇرمۇش مۇھىتىنى بۇلغايدۇ. يولدىشى ئاستا قوپۇپ كەتكىلى قوپسا زادى ئۇلارنى قوپۇپ كەتكىلى قويماي، قولىنى تارتىپ تۇرۇپ: ئەگەر كىنودىكى ئەر سىز بولسىڭىز، سىزمۇ ئاياللارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلامتىڭىز؟ ئەگەر مەن قېرىپ قالسا، سىز يەنىلا مېنى قەدىرلەمسىز؟… دېگەندەك تېتىقسىز سۇئاللارنى سوراپ ئەرلەرنىڭ بېشىنى قوچۇپ ئوماچ قىلىۋېتىدۇ.

ئومۇمەن، قوپۇپ كېتەي دېسىمۇ قوپۇپ كېتەلمىگەن، ئايالىنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمىسە تېخى، جاۋاب بەرسە تېخى… سۇئالىغا جاۋاب بەرگەندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مەسىلىلەر خۇددى كونا چاپاننىڭ مېزىنى تارتقاندەك چىقىۋەرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتكە تەسىر يېتىپ، ئەسلىدىن بىر ئوبدان ئىللىق ئائىلىگە بالدۇرلا سوغۇق تېگىپ، مۇز قىراۋلار ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىشكە باشلايدۇ…

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button