تىرناق كېسەللىكى

تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇشنىڭ 3 تۈرلۈك سەۋەبى

تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇش قولنى ئېغىر نەرسىلەر بېسىۋالسا ياكى ئىشىك قىسىۋالسا، تىرناقتا ئاق داغ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ پەقەت سىرتقى زەخىمدىن پەيدا بولغان داغ بولۇپ، تىرناقنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئاستا – ئاستا ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. ئەمما، سىرتقى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقمىغان تىرناقتىكى ئاق داغنىڭ پەيدا بولۇشى تۆۋەندىكى 3 خىل ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك:

1. تىرناقتا ئاق داغ بولسا، ئورگانىزمدا كالىتسىي، سىنىك، كرېمنىي قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلارنىڭ كەملىكىنى ياكى پارازىت قۇرت بارلىقىدىن بېشارەت. تىرناقتا ئاق داغ بار كىشىلەر ئوڭاي چارچايدۇ ياكى ئادەت خاراكتېرلىك قەۋزىيەت بولىدۇ. ئوتتۇرا بارماق تىرناقتا ئاق داغ بولسا ئومۇرتقا سۆڭەكتە كالىتسىي يېتىشمەيۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بولۇپ، سۆڭەك بوشىشىپ، سۇنۇش ئوڭاي كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

2. تىرناقنىڭ ھەممىسىدە ئاق داغ پەيدا بولسا ھەمدە بۇ داغ سىرتقى زەخىملىنىشتىن كېلىپ چىقمىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ جىگەر ياكى بۆرەكتە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن.

3. ئەگەر، تىرناقتا قايتا -قايتا ئاق داغ كۆرۈلسە، ئۇنداقتا بۇ بەدەندە تۆمۈر كەملىكنىڭ ئىپادىسى بولۇپ، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، ۋاقتىدا كېسەلگە دىئاگنوز قويدۇرۇش كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button