تىرناق كېسەللىكى

تىرناق يۇلۇنۇپ چىقىش

     تۈرلۈك سەۋەبلەردىن تىرناق كۆتىكىدىن ئاجىرلىنىپ چىقىش تىرناق يۇلۇنۇپ چىقىش دەپ ئاتىلىدۇ.
     سەۋەبى؛تىرناقنىڭ يۇلۇنۇپ چىقىش كېسىلى كۆپىنىچە ئىككى خىل سەۋەبتىن پەيدا بولىدىغان بولۇپ، بىرى، پۈتۈن بەدەندە ھۆللۈك ئىشىپ كەتكەندە بارماق ئۇچلىرى بوشاپ كېتىشتىن تىرناق يۇلۇنۇپ چىقىدۇ. يەنەبىرى، قان خىلىتىدا غەيرىي تەبىئىي ئۆزگىرىش پەيدا بولغاندا تىرناق كۆتىكى بۇزۇلىشتىن تىرناق ئاجىراپ چىقىدۇ.بۇخىل ئەھۋال كۆپىنچە سەينەكتە ئۇچىرايدۇ.

    ئالامىتى؛
    بەدەننىڭ ھۆللۈكى زىيادە ئېشىپ كېتىشتىن پەيدا بولغان تىرناق يۇلۇنۇپ چىقىشتا ئاغىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولمايلا تىرناق كۆتىكىدىن ئاجىرلىپ چىقىدۇ. قاننىڭ بۇزۇلىشىدىن پەيدا بولغان تىرناق يۇلۇنۇپ چىقىشتا ئاغىرىش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بولغان تىرناق يۇلۇنۇپ چىقىشتا سەينەكتە ئىپادىلنىدىغان ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
      داۋاسى؛
     بەدەندىكى زىيادە ھۆللۈكنى كېمەيتىش مەقسىتدە بەلغەمنى تازلىغۇچى دورىلار بىلەن بەدەننى بۇشىتىشتىن ساقلاپ، چىڭىتىدىغان يىمەكلىكلەر بىلەن دورىلار بېرىلدۇ. قاننىڭ بۇزۇلىشىدىن بولغان تىرناق يۇلۇنۇپ چىقىشنىڭ داۋاسى بىلەن ئوخشايدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button