پور تىرناق
قول ياكى پۇت تىرناقلىرى قېلىنلىشىپ،ئەسلىدىكى پارقىراقلىقىنى يوقىتىپ كۈل رەڭ تۈسنى ئېلىش بىلەن چۈرۈكلىشىپ، تاتلىسا ئۇۋۇلۇپ كېتىدىغان كېسەللىكى ئۇيغۇرچىدا ‹پور تىرناق› دەپ ئاتىلىدۇ.
سەۋەبى؛
بۇ كىسەللىك ئىچكى ۋە سىرتقى سەۋەپنىڭ بىرلىكتە تەسىر قىلشىدىن پەيدا بولىدۇ،بولۇپمۇ ئىچكى سەۋەپ بەدەندە كۆيگەن سەۋدا تېرناقلاردا چۆكمە ھاسىل قىلشتىن ئىبارەت.تاشقى سەۋەپ تاز تەمىرەتكىسىنى پەيدا قىلغۇچى جاراسىملارنىڭ يۇقىشىدىن ئىبارەت.
ئالامىتى؛
قول ياكى پۇت تىرناقلىرى قېلىنلىشىپ، تىرناقنىڭ تەكشى، سىپتىلىقنى بۇزۇپ، بۈدۈرلەشتۈرۈپ سەتلەشتۈردۇ. تىرناقنىڭ رەڭگگى كۆل رەڭ تۈسنى ئېلىپ پارقىراقلىقى يوقىلىدۇ. تىرناق تۈۋى كۆتىرلۈپ چۈرىكلىشىدۇ، تاتلىسا ئۇۋىلىدۇ.
داۋاسى؛
ئالدى بىلەن غەيرىي تەبىىىي سەۋدانىي تۈزەش ئاسان قىلنغان مىزاجنىي تەڭشەش چارىلىرى قوللىنىلىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن مەتبۇخى ئەفتىمۇن قاتارلىق قايناتمىلارنى بېرىپ، غەيرىي تەبىئىي سەۋدا تازلىنىدۇ.ئوڭاي ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى بېرىش ئارقىلىق قان تازلىنىدۇ.قاننى تازلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتشكىمۇ بولىدۇ .يەرلىك ئورۇنغا يۇمشاتقۇچى ياغلاردىن كالا يىلىكى، مىكيان يىغى،موم يېغى،مەلھىمى داخىليۇن،ئۈرۈك مىغىزى يىغى ۋە باش تەمىرەتكىسى (تاز) نى داۋالاشتا ئىشلىتدىغان مەلھەملەرنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.يۇمشىتىشى ئۈچۈن ئارپا تىرپىسىنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ.يۇقىردىكى دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ئىلگىرى ئاۋال پور تىرناقنى ئىسسسق سۇغا چىلاپ، يۇمشاق قىسمىنى قەلەمتىراچ بىلەن قىرۋەتكەندىن كىيىن ياغ ياكى مەلھەملەر سۈركىلىدۇ.بىراق ساق قولنىڭ تىرنىقى بىلەن قىرىشقا بولمايدۇ.چۈنكى ساق بارماق بىلەن پور تىرناقنى تاتلىسا،پور تىرناق تىرناقلارغا يۇقۇپ يامراپ كېتىش ئېھتىمالى بار ،ئەڭ ياخىشىسى يۇقىرقى ئۇسۇل بىلەن داۋالاپ پور تىرناق يۇمشغاندىن كىيىن ،دەستىكارئۇسۇلى بىلەن بۇزۇلغان تىرناقنى يۇلۇپ ئېلىۋىتىپ،ئېلۋىتىلگەن تىرناقنىڭ ئاستىنى باش تەمىرەتكىسىگە ئىشلىتدىغان مەلھەم دورىلار بىلەن داۋالىسا تىرناق تۈۋى زەخىمىلەنگەنلەردە ساق تىرناق ئۆسۈپ چىقىدۇ.ئەگەر پورتىرناقتا ئاغىرىش يۈزبەرسە،قاپاق يۇپۇرمىقى،ئاس يۇپۇرمىقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ سوقۇپ،تىرناققا قۇيۇپ تېڭىپ بېرلىدۇ ياكى خام ئانارنى مۇسەللەستە قاينىتىپ پىشۇرۇپ ئېزىپ،تېرناق ئۈستىگە قويۇپ تېڭىپ بېرلىدۇ.