تىرناق كېسەللىكى

بىر قىسىم تىرناق كېسەللىكلىرى

      تىرناق ئاقىرىپ كېتىش: ئادەمنىڭ يېشى قانچە چوڭ بولسا، تىرناقنىڭ ئاقىرىپ كېتىش ئېھتىماللىقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. ئەگەر ياش تۇرۇپلا تىرناقلىرىڭىز ئاقىرىپ كەتسە، بەلكىم كەم قانلىق، قان تولۇشلۇق يۈرەك ئاجىزلىقى، دىئابىت، جىگەر، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ بىرەرسىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

  تىرناقنىڭ ئوتتۇرىسى ئاقىرىش: ئەگەر تىرنىقىڭىزنىڭ ئوتتۇرىسى ئاق، ئەتراپى قارىداپ كەتكەن بولسا، جىگەر كېسىلى بولۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. شۇ سەۋەبتىن بەزىدە بارماقلارمۇ سارغىيىپ كېتىدۇ. مانا بۇ جىگەر كېسىلىنىڭ بىشارىتىدۇر.

  تىرناق سارغىيىش: تىرناق سارغايسا، كۆپ ھاللاردا زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان بولىدۇ. ئەگەر يۇقۇملىنىش ئېغىر بولسا، تىرنىقىڭىز تەدرىجىي ھالدا قېلىنلىشىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ. تىرناق سارغايسا، بەزى ئەھۋاللاردا قالقانسىمان بەز، يۈرەك كېسەللىكى ۋە كالا تەمرەتكىسى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرگە مۇپتىلا بولۇپ قالغانلىقىڭىزدىن بىشارەت بېرىدۇ.

  تىرناق كۆكۈش بولۇپ قېلىش: تىرنىقىڭىز كۆكۈش بولۇپ قالغان بولسا، بەدىنىڭىزدە ئوكسېگىن كەمچىل بولۇپ، ئۆپكىڭىز ياللۇغلىنىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.

  تىرناقتا دولقۇنسىمان سىزىقچىلار پەيدا بولۇش: ئەگەر تىرنىقىڭىزدا دولقۇنسىمان سىزىقچىلار پەيدا بولۇپ قالغان بولسا ياكى تىرنىقىڭىز ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن بولسا، بەلكىم كالا تەمرەتكىسى ياكى ياللۇغ خاراكتېرلىك رېماتىزىم بولۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، %10كالا تەمرەتكە كېسىلى تىرناق بۇزۇلۇشىدىن كېلىپ چىققانىكەن.

  تىرناق چۈرۈكلىشىش ۋە يېرىلىش: ئەگەر تىرناق قۇرغاقلىشىش، يېرىلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلسە، قالقانسىمان بەز كېسىلى بولۇپ قالغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدۇ. ئەگەر تىرنىقىڭىزنىڭ يېرىلغان ئورنىدا سىزىق داغ كۆرۈلسە، زەمبۇرۇغدىن يۇقۇملانغان بولۇشى مۇمكىن.

  تىرناقتا قارا سىزىق پەيدا بولۇش: تىرنىقىڭىزدا ئەگەر قارا سىزىق پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، دەرھال دوختۇرغا تەكشۈرتۈڭ. چۈنكى قارا سىزىق قارا مەڭ ئۆسمىسىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ تېرە راكىنى پەيدا قىلىدىغان ئەڭ خەتەرلىك ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.

  تىرناق غاجاش: تىرناقنى غاجاش بەلكىم ئادەمنىڭ كىچىك چاغلىرىدا ئۆگىنىپ قالغان بىر خىل ئادىتى بولۇشى ياكى ئۇزاققىچە غەمكىن يۈرگەنلىكتىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىزدە تىرنىقىڭىزنى چىشلەش ياكى تاتىلاش ئادىتى بولسا، بەلكىم مەجبۇرلاش كېسىلى بولۇپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەگەر سىز تىرنىقىڭىزنى توختىماي چىشلەيدىغان بولۇپ قالغان بولسىڭىز، ئەڭ ياخشىسى پىسخىكا دوختۇرىغا كۆرۈنۈپ بېقىڭ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button