تىرناق كېسەللىكى
تىرناققا ئاق چۈشۈش
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك قويۇق بەلغەمنىڭ تىرناقتا چۆكمە ھاسىل قىلىشىدىن پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: تىرناق ھەر خىل چوڭلۇقتا ئاقىرىپ قالىدۇ.
داۋاسى: قويۇق بەلغەمنى سۈرۈپ چىقارغۇچى مەتبۇخلار بېرىلسە، دەسلەپكى باسقۇچتىكىلىرى ئۆزلىكىدىن يوقىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدىكى ئۇسۇل بىلەن ساقايمىسا، بەلغەمنى تازىىلىغۇچى مۇسھىل بىرىش ئاساسىدا، زىغىر بىلەن شۇمشىنى سوقۇپ، ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تىرناققا چېپىلىدۇ.