تىرناق كېسەللىكى
تىرناق سارغىيىپ قىلىش
تىرناق سارغىيىپ قېلىش تىرناق سارغىيىپ قېلىش دەپ ئاتىلىپ، تاماكا چەككەنلەردە تاماكا ئىسى بىلەن سارغىيىپ قېلىش بۇنىڭغا كىرمەيدۇ.
سەۋەبى: بۇ كۆپىنچە قان ئازلىق قاتارلىق كېسەلىكلەرگە قوشۇلۇپ، سەپرا غالىپلىقى بىرگە كەلگەن كىشىلەردە پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: تىرناق سارغۇچ تۈسنى ئېلىپ، ئەسلىدىكى پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ.
داۋاسى: قان ئازلىق كىسىلى بارلاردا ئالدى بىلەن قان ئازلىق كېسىلى داۋالىنىدۇ ياكى باشقا كېسىلى بولسا، باشقا كېسەللىكى داۋالىنىدۇ. سەپرا غالىپلىق ئالامىتى كۆرۈلگەندە زىيادە سەپرانى سۈرۈپ تازىلاش مەقسىتىدە، مەتبۇخى ھېلىلە ھەمدە زاغۇننى يۇمشاق سوقۇپ، سىركىگە ئارىلاشتۇرۇپ تىرناققا چىپىپ بېرىلىدۇ.