تىرناق كېسەللىكى

تىرناق زەخمىلىرى

      ھەر خىل ئۇرۇلۇش، بېسىلىش ۋە قىسىلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن بارماقلار ئۇچى بىلەن تىرناق بىرگە زەخمىلىنىپ، تىرناق يېرىلىپ كېتىش ياكى تىرناق كۆكىرىپ ئىششىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ ۋە قاتتىق ئاغرىيدۇ.
      داۋاسى: بارماق ئۇچى بىلەن تىرناق زەخمىلىنىپ پاسكىنىلاشقان بولسا، پاكىز سۇ ياكى ئازراق تۇز سېلىنغان ئىلمان سۇ بىلەن چايقاپ تازىلىنىدۇ ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن ئانار يوپۇرمىقى ياكى ئاس يۇپۇرمىقىنى سوقۇپ تىرناق ئۈستىگە قويۇلىدۇ ياكى چەلەڭنى سوقۇپ ئېرىتىلگەن ئۆچكە يېغىغا ئارىلاشتۇرۇپ، قاينىتىپ سۈيى يوقالغاندا ئېلىپ تىرناققا چېپىلىدۇ. بۇ ئۇسۇل تىرناقنى مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئەگەر تىرناق زەخمىلەنگەن بولسا، جاراھەتكە ئەنزىرۇت تالقىنىنى بېسىپ تېڭىپ قويىلىدۇ. ئەگەر تىرناق سۇنغان بولسا، بىمارغا گۈلقەنت بىلەن سىركەنجىۋىل ۋە مائۇلئۇسۇل بىرىپ پىشۇرغاندىن كېيىن مەتبۇخى ئەفتىمۇن بىرىلىدۇ. سىرتىدىن بادام يېغى بىلەن قوينىڭ چاۋىسىنى بىرلەشتۈرۈپ تىرناققا چېپىپ بىرىلىدۇ. ئەگەر تىرناق كۆكىرىپ قان ئۇيۇپ قالغان بولسا، سىرتىدىن زۇپتى رۇمى، قىزىل زەرنىخ، پەتەر ئاسالىيون ۋە بىنەپشىلەرنى يۇمشاق سوقۇپ، سىركە بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ چېپىپ بىرىلىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button