قاپاق سۆگىلى
قاپاق سۆگىلى ( سالىيلۇلجەفەنى ) قول قاتارلىق بەدەننىڭ باشقا ئەزالىرىغا سۆگەل چىققاندەك قاپاق گىرۋىكىگە سۆگەل پەيدا بولغانلىقىغا قارىتىلغان.
سەۋەبى: كۆپىنچە، ناچار سەۋدايى بەلغەمنىڭ قاپاققا تەسىر قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىقىد.ۇ بەزىدە سەۋدايى قان ۋە بەلغىمى غەلىزدىنمۇ پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: بەدەننىڭ باشقا جايلىرىدىكى سۆگەلگە ئوخشاش كۆپىنچە ئۈستۈنكى قاپاققا سۆگەل پەيدا بولىدۇ. سەۋدادىن بولسا، سۆگەلنىڭ رەڭگى قارىغا مايىل بولىدۇ. ئۇچى ئۇچلۇق كۆتۈرۈلۈپ تۇرغىنى قەرنى دەپ؛ توم، تۈۋى يۇمشاق بولغىنى مىسمارى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىدە كۆزنىڭ جىيىكىگە يوغان سۆگەل پەيدا بولۇپ، كۆزنىڭ مىزاجىنى بۇزۇپ قويىدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇنغا كېلىدىغان قۇرۇقلۇقنى ئەتراپىغا تارقىتىپ، كۆپلىگەن كىچىك سۆگەللەرنى پەيدا قىلدۇ.
داۋاسى: ئالدى بىلەن ئومۇمىي بەدەن ۋە مېڭىدىن غالىپ كەلگەن خىلىتنى تازىلاش بىلەن ئۇزۇقلۇقنى ئىسلاھ قىلىش كېرەك. مايلارنىڭ ئاستىغا چۆككەن لېيىنى كۈندە بىر نەچچە قېتىم سۆگەلگە كۈچەپ سۈركەپ بىرىش كېرەك. ھۆل كەپىنى كۈنىدە بىر قانچە قېتىم سۆگەلگە كۈچەپ سۈركەپ بەرسە خېلى ئۈنۈمى بار. سالايە قىلىنغان سىيادان ۋە تۇزنى سىركە بىلەن يۇغۇرۇپ سۈركىسە، يۇلغۇن مېۋىسى ياكى ئادراسماننى سۈركىسىمۇ بولىدۇ. بىنەپشە يېغى بىلەن داۋاملىق ياغلاپ بېرىشمۇ پايدىلىق. يەنە شۇنىڭدەك قاپاقنى بۇغداي قاينىتىلمىسى بىلەن يۇيۇش، سېمىز ئوت يوپۇرمىقىنى سىركە بىلەن ئېزىپ يەرلىك ئورۇنغا چېپىشمۇ پايدىلىق. ئومۇمەن ئېيتقاندا، ئاچچىق تەملىك ۋە تۇتۇش ( قابىز ) خۇسۇسىيتىگە ئىگە ھەر قانداق دورا پايدا قىلىدۇ. ئەگەر، يوقىرىقى چارىلەر بىلەن داۋالىغاندىمۇ ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە، توغرىغۇ، زەرنىخ، بەللۇت ۋە تۇزلارنىڭ ھەر بىرىدىن بىر ھەسسە، ئۇشەقتىن يېرىم ھەسسە ئېلىپ سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن يۇغۇرۇپ سۆگەلگە چاپسا بولىدۇ. چۈنكى بۇ دورا مەزكۇر كېسەلنى داۋالاشتىكى ئەڭ كۈچلۈك دورا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئوتقا تۇتۇپ زەھەرسىزلەندۈرۈلگەن موچىن بىلەن سۆگەلنى قىسىپ تارتىپ تۇرۇپ، ئۆتكۈر تىغ بىلەن كېسىپ ئېلىۋىتىش لازىم. سوقۇپ ئۈستىگە سېپىش ياكى داكىغا كالا يېغى سۈرۈپ تېڭىش، ئەگەر جاراھەتكە ئايلىنىپ قالسا، گۆش ئۈندۈرگۈچى دورىلارنى چېپىش لازىم.