سەھىپە ئايرىلمىغانكىرپىك-قاپاق كېسەللىكلىرى

يىڭناسقۇ

 يىڭناسقۇ ( شەئىيرە ) بىر خىل كۆپ ئۇچرايدىغان، كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئۆتكۈر يېرىڭلىق ئىششىقى بولۇپ، پەيدا بولغان ئورۇننىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئىچكى ۋە تاشقى يىڭناسقۇ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ سىرتىدىكى يىرىڭلىق قاپارتقۇ تاشقى يىڭناسقۇ، كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ ئىچىدىكى يىرىڭلىق قاپارتقۇ ئىچكى يىڭناسقۇ دەپ ئاتىلىدۇ.
    سەۋەبى: يىڭناسقۇ كۆپىنچە، قان خىلىتى ياكى سەۋدا خىلىتىنىڭ نورمالسىز ئۆزگىرىشىدىن پەيدا بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئاچچىق- چۈچۈك، كۈچلۈك تاماقلارنى ھەزىم قىلماي تۇرۇپلا ئارقا- ئارقىدىن ئىستېمال قىلىش، كەچتە يېتىشتىن ئىلگىرى دائىم تاماق يەپلا ئازراق ھەرىكەت قىلماي ئۇخلىغانلىقتىن بۇزۇق يەللەر پەيدا بولۇپ، كۆز گىرۋەكلىرىگە يامان تەسىر قىلغانلىقى، بەزى كىشىلەردە قاپاق ۋە كۆز گىرۋەكلىرىنىڭ تازىلىقىغا دىققەت قىلماي، پاسكىنا قول بىلەن كۆزنى ئۇۋۇلاش ۋە ھەرخىل چاڭ – توزانلار تۈپەيلىدىن كىرپىكلەر ئاستىدىكى تۈك خالتىلىرىغا جاراسىم ( مىكروب) نىڭ كىرىشىدىن كۆز گىرۋەكلىرىگە پۇرچاقتەك قاپارتقۇ چىقىپ يىڭناسقۇ چىقىپ يىڭناسقۇ پەيدا بولىدۇ.
    ئالامىتى:
   1. تاشقى يىڭناسقۇ: كۆپىنچە، كۆزنىڭ تۆۋەنكى گىرۋەكلىرىدە پەيدا بولىدۇ. كۆزنىڭ يۇقىرىقى گىرۋەكلىرىدىمۇ كۆرۈلىدۇ. دەسلەپتە دائىرلىك كىچىك قاتتىق مۇدۇرچاقلار پەيدا بولىدۇ. ئازراق قىچىشىپ ئاغرىيدۇ. كېيىن قىزارغان ئىششىق دائىرىسى كېڭىيىپ باسسا ئاغرىيدۇ. بۇ يىرىڭ يىغىلىشقا باشلىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قاپارتقۇ ئۈچلىرى ئاقىرىپ، باسسا مىلىقلىسا، يىرىڭنىڭ پىشىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەگەر قىزىرىپ ئىششىش ئېغىرلاشسا، پۈتۈن قاپاققا تەسىر قىلىپ، قاپاق يىرىڭلىق ئىششىققا ئايلىنىدۇ ھەمدە قۇلاق ئالدى بەزلىرى يوغىناپ كېتىدۇ. يىرىڭ ئېغىز ئالغاندىن كېين  قىزىللىق، ئىششىق، ئاغرىقلار ئۆزلىگىدىن يېنىپ كېتىدۇ.
    2. ئىچكى يىڭناسقۇ: ئالامەتلىرى تاشقى يىڭناسقۇ بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆز جىيەكلىرىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى شىللىق پەردىدە بولغاچقا، يىرىڭ تۇتقاندىن كېيىن قاپاق ئىچكى پەردىسىدە سېرىق رەڭلىك يىرىڭ نۇقتىلىرىنى  كۆرگىلى بولىدۇ.
    داۋاسى: يىڭناسقۇ ئادەتتە يىرىڭ تۇتۇپ، ئۆزلۈكىدىن ئېغىز ئېلىپ ساقىيىپ كېتىدۇ. لېكىن سەل قارىماي تۆۋەندىكىدەك داۋالاش چارىلىرىنى قوللانسا بولىدۇ.
    1.  ئىچكى داۋاسى: كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى ماددىنى بەدەندىن تازىلاش، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن مېڭىدىن تازىلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇۋاپىق سۈرگە دورىلىرى ئىشلىتىلىدۇ. يىڭناسقۇ كۆپ چىقىپ ئادەت بولۇپ قالغانلارغا، ئەھۋالغا قاراپ مەتبۇخى ئەفتىمۇن ياكى مەتبۇخى ھېلىلە بېرىلىدۇ.
    2. تاشقى داۋاسى: (1) قايناق سۇدا قىزىرىتىلغان لۆڭگە بىلەن كۆزگە ھەر قېتىمدا 10~15 مىنۇت ئىسسىق ئۆتكۈزۈلىدۇ. (2) كاسىنە، سەبرە، رۇسۇت، مامىسا، گىل ئەرمىنىنى ئېھتىياجغا لايىق ئېلىپ يىڭناسقۇ ئۈستىگە چېپىش كېرەك. يىرىڭ تولغاندا تازىلانغان تىغ بىلەن ئۇچىنى يېرىپ يىرىڭنى چىقىرىۋېتىپ، مۇۋاپىق كۆز مەلھەملىرىنى سۈركەپ قويۇش كېرەك؛ (3) يۇقىرىقى چارىلەر ئۈنۈم بەرمىسە، تازىلانغان تىخ بىلەن يىڭناسقۇ قېپى كېسىلىدۇ. ئازراق قان چىقىپ توختىغاندىن كېيىن سۇفۇپى ئەسفەر سېپىلىدۇ؛ (4) ئىچكى يىڭناسقۇ يىرىڭ تۇتۇپ پىشقاندىن كېيىن، يېرىپ يىرىڭ چىقىرۋېتىلىدۇ. يارغاندا يېرىڭلغان ئېغىز يولى كۆز جىيەكلىرىگە تىك قىلىپ كېسىلىدۇ. باشقا داۋالىرى يۇقىرىقىغا ئوخشاش. (5) يىڭناسقۇ كۆپ چىقىپ ئادەت بولۇپ قالغانلارغا، زۆرۈر تېپىلغاندا بەلگىلىك قان تومۇرلاردىن قان ئالسا بولىدۇ.
    ئالدىنى ئېلىش: ئاچچىق- چۈچۈك، كۈچلۈك تاماقلارنى ئاز ئىستېمال قىلىش، كۆز تازىلىقىغا دىققەت قىلىشى لازىم. كۆزنى قالايمىقان تۇتماسلىق ۋە يىڭناسقۇنى قالايمىقان سىقماسلىق كېرەك.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button