قاپاق قىچىشىش
قاپاق قىچىشىش ( ھىككەتۇلجەفەنى) كۆز چانىقى، گىرۋەكلىرى ۋە قاپاق جىيەكلىرى قىچىشىدىغان بىر خىل كېسەللىككە قارىتىلغان.
سەۋەبى: ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بەزى شورلۇق ئېچىشتۇرغۇچى ماددىلار كۆز چاناقلىريىدا توختاپ قېلىپ پەيدا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل كۆز ئاغرىقلىرى ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ، يەلگە ئايلىنىپ قالسىمۇ پەيدا بولىدۇ.
ئالامىتى: كۆز جىيەكلىرى قىزىرىپ، سولىشىپ كۆپ قىچىشىدۇ. بىر ئاز ئۇۋۇلىسا ياكى تاتىلىسا، ياش ئېقىپ قىزىرىپ ئىششىيدۇ. ھەتتا مۇدۇر پەيدا بولۇپ جاراھەتكە ئايلىنىدۇ.
داۋاسى: ئىچكى تەرەپتىن مەتبۇجى شاھتەررە، ھەبىبى كىبىرىت، ھەبىبى ھاشتەررە، مەتبۇخى ئەفتىمۇن، ئىترىفىل كەشنىز ۋە ئايارەتجلەر ئىشلىتىلىدۇ.
سىرتقى تەرەپتىن ھۆل كاسىنىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ ئېزىپ، گۈل يېغى بىلەن قوشۇپ تېڭىش كېرەك. كوھلى رۇشنائى سەغىرنى قاپاققا سۈرمە قىلىپ تارتسىمۇ ياكى چاپسىمۇ ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ.
كوھلى رۇشنائى سەغىر
كۈمۈشنىڭ ئېرىتىلگەن پوقى ( ئىقلىميائى نۇقرە) 13.5 گرام، كۆيدۈرۈلگەن مىس 1.4 گرام، ئەندىران تۇزى، پىلپىل، پەشقەر ئۇپىسى ( سەپىداب كاشغەرى)، نۆشۈدۈر، جۆئدە ھەر بىرى 1.4 گرام.
دورىلارنى قائىدە بويىچە يۇمشاق سوقۇپ، قېلىن ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلاپ، لازىم بولغاندا كۆزگە سۈرمە قىلىپ تارتىدۇ ياكى بەدىيان سۈيى بىلەن كۇمىلاچ قىلىپ، زۆرۈر تېپىلغاندا قايناق سۇ بىلەن ئېرىتىپ كۆزگە چاپىدۇ.