رىماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقى
تەخمىنەن بەش مىليون ئامېرىكىلىقنىڭ بوغۇم ياللۇغى كېسىلى، ئۈچ مىليون ئادەمدە بەل ئاغرىقى، يۈز تۈمەنگە يېقىن ئادەمدە بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى بار. يەنە 20 تۈمەن ئۆسمۈر بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئازابىنى تارتماقتا. ئەگەر بىر ئادەم بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ كېسەلنىڭ ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
ئالدىبىلەن رېماتىزىم خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى ۋە بوغۇم ئاغرىقىنى بوغۇم كۆمۈرچىكى سىرتقى يۈزىدە سۇ كەملىكتىن بولغان دەپ قاراش كېرەك. بوغۇم ياللۇغى ئاغرىقى دائىرلىك سۇ كەملىكنىڭ يەنە بىر سىگنالى. تۇز كەملىكمۇ يەنەبىر كېسەل سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.
بوغۇم كۆمۈرچىكى ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇ مىقدارى ئىنتايىن يۇقىرى. بوغۇم كۆمۈرچىكى <<ئۆز ئىچىگە ئالغان سۇ تەركىبى>> نىڭ سىلىقلاش رولى بار. مۇشۇنداق ئالاھىدىلىك بولغاچقىلا، بوغۇم ھەرىكەت قىلغاندا ئىككى قارىمۇ قارشى يۆنىلىشتە جىپسىلاشقان بوغۇم يۈزىدە ئەركىن راۋان سىيرىلىپ ھەرىكەت قىلالايدۇ.
سۆڭەك ھۈجەيرىسى كالتسىي بىلەن تولغان، كۆمۈرچەك ھۈجەيرىسىنىڭ ئاساسىي ماددىسى زور مىقداردا سۇنىئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. كۆمۈرچەكنىڭ سىرتقى يۈزى ئۆز ئارا سىيرىلما ھەرىكەت قىلغاندا سىرتقى قەۋەتتىكى بەزى ھۈجەيرىلەر ئۆلۈپ ئاجراپ كېتىدۇ. بۇ چاغدا ئۆسۈش نۇقتىسىدىن ئۆسۈپ چىققان يېڭى ھۈجەيرە ئۆلۈپ كەتكەن ھۈجەيرىنىڭ ئورنىنى تولۇقلايدۇ. ئۆسۈش نۇقتىسى سۆڭەك يۈزىنىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ كۆمۈرچەكنىڭ سۇ مىقدارى يېتەرلىك بولغاندىلا سۈركىلىپ زەخمىلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولىدۇ. سۇسىزلانغان ھالەتتە كۆمۈرچەكنىڭ <<سۈركىلىپ زەخمىلىنىش>> نىسبىتى بىلەن <<سۈركىلىپ زەخمىلىنىپ ئاجراپ كېتىش>> نىسبىتى بوغۇم ئۈنۈمدارلىق كۆرسەتمە سانى دەپ ئاتىلىدۇ.
يىلىكتىكى قان ھۈجەيرىلىرى توختىماي ئۆسۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار سۆڭەك سىستېمىسى ئارقىلىق ئالدى بىلەن تېخىمۇ كۆپ سۇ كۆمۈرچەككە يەتكۈزۈلىدۇ. سۆڭەكنىڭ كىچىك يېرىقلىرىدىن ئۆتكەن بەزى قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشى يېتەرلىك بولمايدۇ، ھۈجەيرە قان تومۇرغا تايتىنىپ سۇ ۋە ئوزۇقلۇققا ئېرىشىدۇ. بىراق بۇ بەدەندىكى بەلگىلىك مىقداردا بۆلۈپ بېرىش مېخانىزمىنىڭ كونتروللۇقىغا ئۇچرايدۇ. بۇ خىل ھالەتتە قان سۇيۇلۇپ تېخىمۇ كۆپ سۇنى يەتكۈزسە، كۆمۈرچەك بوغۇم خالتىسىنى تەمىنلەيدىغان قاننى تارتىۋېلىش ئارقىلىق قان زەردابىغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا (بارلىق بوغۇملارنى تۇتاشتۇرىدىغان) نېرۋا ئېقىم تەڭشەش مېخانىزمى ئاغرىق سىگنالى چىقىرىدۇ.
دەسلەپتە، بۇ خىل ئاغرىق بوغۇمنىڭ بېسىمغا بەرداشلىق بېرىشىگە تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولالمىغانلىقىنى، سۇ تولۇقلاش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ خىل ئاغرىقنى داۋالاش ئۈچۈن بەلگىلىك ۋاقىتتا ئىچىدىغان سۇنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ بوغۇمدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان قاننى سۇيۇلدۇرۇپ شۇ ئارقىلىق كۆمۈرچەكنى يېتەرلىك سۇغا ئىگە قىلىپ سۆڭەكنىڭ سۈركىلىپ زەخمىلەنگەن جايىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بۇ ئوخشاشلا قان زەردابىنىڭ كۆمۈرچەككە سىڭىپ كىرىشىدىكى نورمال يول ھېسابلىنىدۇ.