جىگەر كېسەللىكلەرى

جىگەر كېسەللىكلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئورتاق ئالامەتلەر

    قىزىش ، باش ئاغرىش ، گال ئاغرىش ، دىماغ پۈتۈش ، پۈتۈن بەدەن يېقىمسىزلىنىش ، ھۆ بۇلۇش ، ئېغىز قۇرۇش ، مايلىق غىزالارنى كۆرگەندە ھۆ بۇلۇش ، كۆڭلى غىزا تاتماسلىق قاتارلىقلار جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئورتاق ئالامەتلىرى بولۇپ ،جىگەر كېسەللىكلىرى ئىسسىقتىن بولسا سېرىق سۇ ياندۇرىدۇ ، چۈشتى كىيىن ئېغىرلىشىدۇ ،تېزلا سېرىقلىق چۈشىدۇ . ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ئەتتىگەندە ھۆ بۇلىدۇ . ماغزاپتەك شال ياندۇرىدۇ ، قورساق كۈپىدۇ ،كۆپىنچە چۈشتىن كىيىن ئىسىلىپ قالىدۇ . جىگەر ساھەسىدە تېلىپ ،چىڭقىلىپ ،ئېچىشىپ ، قادىلىپ ئاغرىشلار بۇلىدۇ . قورساق بوشلۇقىغا سۇ چۈشۈش جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرىنىڭ بىرىدۇر . تۇتۇپ كۆرگەندە جىگەر قولغا يۇمشاق بىلىنسە ئۆتكۈر جىگەر ياللۇغىنىڭ ، قاتتىق بىلىنسە سوزۇلما جخەەر ياللۇغىنىڭ ، بەكرەك قاتتىق ، چوڭ بىلىنسە جىگەر راكىنىڭ بەلگىسى بۇلىدۇ . ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن بەدەن ئاجىزلىشىش ، قول _ پۇت تىترەش ، پۈتۈن بەدەن مۇسكۇللىرى يىگىلەش ، چىراي نۇرسىزلىنىپ قارىداپ قېلىش ، ئالقان قىزىش ئالامەتلىرى كۈرىلىدۇ ، تاپان قىزىشمۇ بەلغەمدىن بولغان جىگەر ياللۇغلىرىدا كۆرۈلىدۇ .ئۇندىن باشقا ، ماغدۇرسىزلىنىش جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئالامەتلىرىنىڭ بىرى بۇلۇپ ، بۇنىڭ ئېغىر يىىكلىكى ئوخشاش بولمايدۇ ،يىنىكلىرىدە يەڭگىل ماغدۇرسىزلىنىش سېزىلىدۇ .ئېغىرلىرىدا پۇت قول بۇشىشىپ پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىپ يېتىشنىلا خالايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ .ئېغىر ھالدىكى جىەر كېسەللىرى قاتتىق چارچىغانلىقتىن ھەرىكەت قىلالماي يېتىپ قالىدۇ . كېسەلنىڭ سۈيدۈكى قېنىق چايدەك كىلىدۇ .سوزۇلما جىگەر ياللۇغلىرىدا تال چوڭىيىپ كېتىش، بولۇپمۇ ، قىل قان تۇمۇرلار كېڭىيىپ كىتىش ، بۇرۇن ئۇچى ، بۇيۇن ئەتراپىنىڭ تۇمۇرلىرى ئۇچۇق كۈرۈنۈپ قېلىش ھەمدە يۈز ، بۇيۇن ، كۆرەك ساھەسىدە ، قول ئالقىنىدا ئۆمۈچۈك تورىدەك تورسىمان مەلەر پەيدا بۇلۇش بەلگىلىرى كۈرىلىدۇ . بۇلار سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كېسەللىكلىرىدە كۈرىلىدىغان بەلگىلەردۇر .سوزۇلما خاراكتىرلىك جىگەر كېسەللىكلىرىدە يەنە ئەمچچەك بېزى چوڭىيدۇ ، ھەيز قالايمىقانلىشىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button