جىگەر كېسەللىكلەرى

جىگەرنىڭ بەدەندىكى رولى

جىگەرنىڭ ئىچكى تەرىپىدىن كەلگەن تومۇرلار ماسارىقىدىن سۇيۇقلۇقنى تارتىپ بۇنىڭدىن ماددىلارنى ھاسىل قىلىدۇ. جىگەردىكى تومۇرلار بىر قانچە خىل بولىدۇ. جىگەردىن چىققان بىر تومۇر بولۇپ، بۇ تومۇر قاندىن سۇنى ئايرىيدۇ. بۇ سۇنىڭ جىگەرگە بېرىپ قېلىشىنى توسىدۇ. يەنە بىر تومۇر بولۇپ بۆرەكتىن قاننى تارتىپ سۇنى قالدۇرىدۇ. جىگەردە سۇيۇقلۇق ماددا ھاسىل بولغاندا پەيدا بولغان كۆپۈك قىسمى سەپرا دېيىلىدۇ. بۇ ئۆتكە بارىدىغان يول بىلەن ئۆتكە كېتىدۇ. سۈزۈك قىسمى جىگەر (قاپقا كۆك قان تومۇر) دىن چىقىپ، كاۋاك ۋېنالار ئارقىلىق يۈرەككە بارىدۇ. تەبىئىي پىشقان بەلغەم خىلىتىنى ئۆپكە ۋە يۇلۇنغا يوللايدۇ. تېگىدە قالغان قاننىڭ لېيىنى سەۋدا خىلىتى تالغا بارىدىغان تومۇر ئارقىلىق تالغا يوللايدۇ. پۈتۈن بەدەننىڭ ئوزۇقلۇققا بولغان ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. جىگەر سەپرانى ئۆتكە ئەۋەتمەي قانغا كېتىپ قالسا، بەدەندە قىزىل قاپارتما پەيدا قىلىدۇ ھەم جىگەردە قىزىش پەيدا قىلىدۇ. سەۋدانى تالغا ئەۋەتمىسە جىگەردە ئىششىق پەيدا بولىدۇ (يەنى سەرتان، مالىخولىيا، جوزام كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ) ھەم بەرەس سىياھ پەيدا قىلىدۇ. بەلغەم ئۆپكە مېڭە يۇلۇنغا بارماي بەدەنگە تاراپ كەتسە ھەرخىل بەز ئۆسمىلىرى ئاقكېسەل پەيدا بولىدۇ.
جىگەر- جىگەر ۋېنا تومۇرىنىڭ ۋاقىتلىق توسۇلۇشى تۈپەيلىدىن قاننى يۈرەككە يوللىيالمىسا يۈرەككە قان يېتىشمەسلىكتىن بولىدىغان يۈرەك تىقىلمىسىنى پەيدا قىلىدۇ.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، جىگەر تۆت خىل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ، يەنى:
1) ماددا ھاسىل قىلىش ۋەزىپىسى
2) بەدەندىكى ماددا ئالمىشىشنى تەڭشەش ۋەزىپىسى
3) زەھەر قايتۇرۇش ھەم زەھەرسىزلەندۈرۈش ۋەزىپىسى
4) بەدەننىڭ ئېھتىياجىدىن ۋاقىتلىق ئاشقان قاننى ساقلىغۇچى ئامبارلىق ۋەزىپىسى

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

تەكشۈرۈپ بېقىڭ
Close
Back to top button