جىگەر كېسەللىكلەرى

ئۆت ياللۇغى

ئۆت ياللۇغى خىلىتلار تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ، ئۆت خالتا شىللىق پەردىسى ياللۇغلىنىشتىن كېلىپ چىقىپ، يۇقىرى قىزىتما، توڭۇپ تىترەش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرىقى قورساق ساھەسىنى باسقاندا ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. ئەگەر ئۆت ياللۇغى توغرا داۋالاپ ساقايتىلمىسا، سوزۇلما ئۆت خالتا ياللۇغىغا ئايلىنىپ، ياغلىق تاماقلارنى يىگەندە يۇقىرىقى ئالامەتلەر تەكرارلىنىش بىلەن بىرگە قۇسۇش، قورساق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.
    ئۆت ياللۇغى بولغان بىمارلار تۇخۇم، گۆش، ماي، كۈچلۈك تاماقلاردىن، يەللىك، ئاسان سىڭمەيدىغان غىزالاردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.
    ئۆت ياللۇغى بىمارلىرىغا ئۇيغۇر تېبابەت ياسالمىلىرىدىن ئەرقى كاسىنە، ئەرقى بەدىيان، ھەببى رەۋەن، ئەرقى ئەنگۇر شىپا قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.
    1-ئۇسۇل : قىتىقنى ئۇيۇتۇپ سۈيىنى سۈزۈپ ئالىمىز. ئاندىن بۇ قىتىقنىڭ سۈيىنى كۈندە 2-3 قېتىم، ھەر قېتىمدا 50-100 مىللىلىتىردىن 3-4 ھەپتىگىچە ئىچىلىدۇ.
    2-ئۇسۇل : تەمرى ھىندى، گۈلبىنەپشە، خىيار شەنبەرلارنى تەڭ مىقتاردا چالا سوقۇپ چۆككىدەك سۇدا دەملەپ تەمى چىققاندا سۈزۈپ تەييارلايمىز. ئاندىن بۇنى كۈندە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا 50-100 مىللىلىتىر ئىچىلىدۇ. 

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button