جىگەر مىزاجىنىڭ ئىسسىقتىن بۇزۇلۇشى
سەۋەبى: گۆش ۋە كۈچلۈك تاماقلارنى كۆپ يېيىش، تېز تەسىر قىلغۇچى ئىسسىقلىق دورىلار سېلىنغان تاماقلارنى كۆپ ئىستېمال قىلىش، ھاراقنى كۆپ ئىچىش، ئاپتاپ ئۆتۈپ كېتىش، داۋاملىق قەۋزىيەت بولۇش، ھەرىكەت قىلماسلىق، جىسمانىي ئەمگەك قىلماسلىق، بەزگەك كېسىلىدىن زەھەرلىنىش، ھەيزىنىڭ بۇزۇلۇشى، جىگەر سىرتىدىن بىر نەرسە تېگىپ كېتىپ زەربىلىنىش، سەپرا تاشلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى قاتارلىقلاردىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئوڭ تەرەپ قوۋۇرغىلىرى ئارىسىدا ئېغىرلىق سېزىلىدۇ ۋە يېنىك ئاغرىيدۇ. جىگەر بىر ئاز يۇغىنايدۇ. تاماق ھەزىم قىلىش بۇزۇلىدۇ، كۆڭلى ئېلىشىدۇ، ئىشتىھاسىزلىنىدۇ. ئوڭ تاغاقمۇ ئاغرىيدۇ. قەۋزىيەت بولىدۇ. بەدەن ۋە كۆزنىڭ ئېقى قىسمەن، يىنىك دەرىجىدە سارغىيدۇ. بەزىدە يىنىك دەرىجىدە بەدەندە ئىششىق پەيدا بولىدۇ. ئەگەر كېسەللىك سېزىلگەن ھامان تەلتۆكۈس ياخشى داۋالىنىپ ساقايمىسا سوزۇلما جىگەر كېسلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە كېچىسى ئىچى سۈرىدىغان، ئوڭ بېقىنى ئاغرىيدىغان بولۇپ قالىدۇ.
داۋاسى: دەسلىپىدە سۈرگە دورىلار بىلەن قەۋزىيەت بوشىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن جىگەرنىڭ ھارارىتىنى سوۋۇتۇش ئۈچۈن بۇ نۇسخىدىكى دورىلار بېرىلىدۇ: نېلۇپەر گۈلى، كاسىن يىلتىزى، كاسىن ئۇرۇقى، سېمىز ئوت ئۇرۇقى، مارجان شوخلا، ئاق سەندەل (ئىكەكدەپ سېلىنىدۇ)، زىرىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 5 گرام، تەمرى ھىندىدىن 12 گرام ئېلىپ، سۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ، زىرىق شەربىتى، ئانارنىڭ شەربىتى ياكى بۇزۇرى شەربەتلىرىگە ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە بىرنەچچە قېتىم ئۇسسۇزلۇق ئورنىدا ئىچكۈزۈلىدۇ.
پەرھىزى: بەك ياغلىق، گۆشلۈك تاماقلار، ئىسسىلىق دورا- دەرمەكلەرنى كۆپ سالغان تاماقلار، سۈت، قايماق، ناۋات، ھالۋا ۋە كۈچلۈك لازا سېلىنغان تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ. ئەمگەك بىلەن دەم ئېلىش مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.