دىئابىت ( قەنت سىيىش كىسىلى )
بەدەن ئىچىدىكى ئاجراتمىلارنىڭ خىزمەت پائالىيىتى قالايمىقانلىشىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان بەدەندە قەنت ئالمىشىش قالايمىقانلىشىش يۈز بىرىپ كىلىنكىدا كۆپ سىيىش، كۆپ ئىچىش، كۆپ يىيىش، ئۇرۇقلاش، سۈيدۈكتە شىكەر تېپىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلنە ئىپادىلىنىدىغان ، ئاقىۋىتى نىسبەتەن خەتەرلىك بولغان كېسەللىكتىن ئىبارەت.
سەۋەبى:
1- ئاشقازان ئاستى بەز ئارالچىسىنىڭ ئىنسولىن ئاجرىتىپ چىقىرىشى يىتەرلىك بولماسلىق.
2- ئىنسولىننىڭ نىسبى يىتىشمەسلىك.
3- ئىرسىيەت ئامىلى.
4- روھى نىرۋا ئامىللار تەسىرى تۈپەيلىدىن بۇلىدۇ.
ئاساسلىق ئىپادىلىرى: بىماردا كۆپ ئۇسساش، كۆپ يىيىش، بەدەن ئېغىرلىقى تۈۋەنلەش، كۆپ سىيىش، ( سۈيدۈك مىقدارى تەخمىنەن كۈنىگە e 5000 – 3000 ) ماغدۇرسىزلىنىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
ئەگەشمە كېسەللىكلەردىن:
1) يۇقۇملىنىش. 2) بۆرەك خىزمىتى تۇلۇق بولماسلىق. 3) نىرۋا سېستىمىسىدىكى ئەگەشمە كېسەللىكلەر.4) يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئۆزگۈرۈشلىرى. 5) كىتونلۇق كىسلاتادىن زەھەرلىنىش ۋە ھۇشسىزلىنىش.
داۋالاش: ئاساسلىقى شىكەرنىڭ سۈيدۈكتىن كۆپلەپ چىقىپ كىتىشىنى تىزگىنلەش، ئاشقازان ئاستى بەز خىزمىتىنى ياخشىلاش، بۆرەك ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش. مەقسىتىدا دورىلار تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.
مەسىلەن: ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىدە ئەرقى گۈل، ئەرقى چۆبىچىن، قۇرسى زىيابىت قاتارلىق دورىلار بېرىلىدۇ.
يۇقارقى دورىلار بىرىلىپ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولسا ئومۇمىي بەدەن ۋە بۆرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار بىرىلىدۇ. مەسىلەن: ماددەتۇل ھايات…………..دىگەندەك.
پەرھىز: يۇقۇرى ئاقسىللىق، تەتلىق يىمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلىپ سىڭىشلىك لەتف غىزالار بىلەن ئۇزۇقلاندۇرىلىدۇ.