دىيابېت كېسەللىكلەرسەھىپە ئايرىلمىغان

دىئابېت كېسىلىنى بالدۇر بايقاش ئۇسۇلى

دىئابېت كېسىلى بالدۇر بايقالسا، ئۇنى بالدۇر داۋالاپ، كېسەلنىڭ ئۆمۈرىنى ئۇزارتقىلى، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن. تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلەر دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن:
1. تاماق يەپ بولۇپ ئىككى-ئۈچ سائەت ئىچىدە دائىم ئىچى تىتىلداش، قورسىقى ئېچىش، كۆپ تەرلەش، باش قېيىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئازراق بىر نەرسە يېگەندىن كېيىن بۇنداق ئالامەتلەر پەسەيگەنلىكىنى ھېس قىلسا، دەرھال تەكشۈرتۈپ دىئابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولغان-بولمىغانلىقىنى ئېنىقلىتىش كېرەك.
2. تېرىدا دائىم يىرىڭلىق ياللۇغلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەسلىلەن: تۈك خالتا ياللۇغى، چىقان چىقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.
3. ئاياللاردا سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىپ تەكرار قوزغىلىپ تۇرىدىغان، جىنىسي ئەزاسى قىچىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە.
4. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان مۈچە ئۇچىلىرى نېكروزلانسا.
5. تۇغۇت يېشىدىكى ئاياللار ئىچىدە، كۆپ قېتىم بويىدىن ئاجراش، ھامىلە غەلىتە تۇغۇلۇش، ھامىلە چوڭ تۇغۇلۇش، باش سۈيى زىيادە كۆپ بولۇش قاتارلىق كېسەللىك تارىخى بارلار.
6. قىزىل قان تومۇر قېتىشىش ياكى قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش ئالامەتلىرى بالدۇر كۆرۈلگەنلەر.
7. كۆرۈش سېزىمى ئۇشتۇمتۇت ئاجىزلاپ كەتكەن ھەمدە كېسەل سەۋەبى ئېنىق بولمىغانلار.
8. بالىلىق دەۋرىدە ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئاستا بولۇش سەۋەبى ئېنىق بولمىغان، تېنى ئاجىز، ئورۇقلار.
9. ياشانغانلاردا سەۋەب ى ئېنىق بولمىغان ھوشسىزلىنىش، قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش، تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى، مېڭە قان تومۇرلىرىدا غەيرىي ئەھۋال كۆرۈلۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلەر

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button