دىيابېت كېسەللىكلەرسەھىپە ئايرىلمىغان

بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلىنى داۋالاش لاھىيەسى

     بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلدىمۇ قەنىت سىيىش كىسىللىكدىكى 3 كۆپ 1 ئاز ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. قاندىكى قەنىت مىقدارى يۇقۇرى چىقىدۇ. سۈيدۈكتىن قەنىت ماددىسى كۈرلىدۇ. جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسەللىكدىن پارقلىنىدىغان ئالامىتى بىماردا كۆپ سىيىش بۇرۇن باشلىنىپ ئاندىن كۆپ ئىچىش ئالامىتى كۈرلىدۇ. ئۇسۇلۇق بەك ئېغىر بولمايدۇ. تىلى نېپىز، قىزىل، تىلدا توغرىسىغا، بويىغا يېرىلغان سىزىقچىلار پەيدا بۇلۇپ ئېغىز تەمى ئاچچىق، ئېغىزى قۇرۇش، كۆپ ئۇسساش، باش قېيىش، كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش، كۆپ يىيىش، كۆپ سىيىش، كۆپ تەرلەش، قەۋزىيەتلىك، بەل ۋە قول- پۇت تېلىپ ئاغرىش، دائىم ھارغىنلىق ھىس قىلىش، ئۇرۇقلاش، كۆز تورلىشىش، بەدەنگە قىزىل مۇدۇر پەيدا بولۇپ قىچىشىش، چىرايىدا ئۆمۈچۈك تورىدەك قىزىل قان- تۇمۇرلار شەكىللىنىش، قول بارماقلىرىنىڭ تىرناق ئۈستىدە توغرىسىغا سىزىقچىلار شەكىللىنىپ كۈتۈرۈلۈپ تۇرۇش ھەمدە بويىغا پەيدا بولغان سىزىقچىلارنىڭ ئوتتۇرسى ئولتۇرۇشۇپ كىتىش، ئاخىرقى دەۋرىدە تۆۋەنكى مۆچىلەردە ئىششىق پەيدا بولۇش، ئەگەر ئىششق زەخمىلەنسە تىرە تۇقۇلمىلار بۇزۇلۇش، نەپەس قىستاش قاتارلىق ئالامەتلەر پەيدا بۇلىدۇ.
     بۆرەك مەنبەلىك بولغاندا تىلى قىزىل نېپىز توغرىسىغا ھەم بويىغا يېرىلغان بولىدۇ، ئالدى بىلەن كۆپ سىيىشتىن باشلىنىدۇ، قان تەكشۈرگەندە قان قەنتى نورمال بۇلىدۇ، سۈيدۈكتە قەنت بايقىلىدۇ، بۇ دەسلەپكى باسقۇچتا كۈرىلىدىغان ئالامەتلەر بولۇپ كېسەللىك ئېغىرلاشقاندا قاندا ۋە سۈيدۈكتە قەنت كۈرۈلسىمۇ يەنىلا پەرقلىق بولىدۇ. جىگەر مەنبەلىك بولغاندا قاندىكى قەنت سۈيدۈكتىكى قەنىتتىن يۇقىرىراق بولىدۇ..
   داۋالاشتا روھى داۋالاش بىلەن ئۇزۇقلۇق ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
  بۆرەك مەنبەلىك دىئابىت كېسەللىكىگە: ئاق چامغۇر، پېتىگەن(چەيزە)، پالەك، سامساقنى ياش قوينىڭ بۆرەك ياغلىرى بىلەن ئارپا ئېشى ياكى شويلا قىلىپ بىرىش، ئارپا نېنى بىرىش، قۇشۇمچە يېمەكلىكلەردىن بىلىق، قېتىق سۈزمىسى، كۆك شاپتۇل، ئامۇت قاتارلىقلار بىرىلسە بۇلىدۇ.
   دورا بىلەن داۋالاشتا: بۆرەكنىڭ ئىسسىقلىغى ئېيشىپ كىتىشىدىن قۇۋۋىتى دافىئە كۈچىيىپ قۇۋۋىتى ماسىكە(تۇتقۇچى كۈچنىڭ) ئاجىزلىغىدىن بولسا ئالدى بىلەن سەپرا بىلەن سەۋدانىڭ مۇنزىچى 5 كۈندىن 15 كۈنگىچە بىرلىدۇ.
     مۇنزىچ تەركىبى: ئەينالۇ 100 گىرام، گۈل بىنەپشە، نىلوپەر، سىمىز ئوت ئۇرۇقى، ئالقات، شاقاقۇل، بالەنگۇ ئۇرۇقى ھەر بىرى 21 گىرامدىن، گاۋزىبان ھىندى، ئەفتىمۇن، سەرپىستان، تەرخەمەك ئۇرۇقى، بىستىفايەج، قىزىلگۈل ھەر بىرى 10 گىرامدىن، ئەنجۈر قېقى 30 گىرام، نۇقۇت 100 گىرام، تەرەنجىبىن 60 گىرام.
    تەييارلىنىشى: دورىلارنى چالا سۇقۇپ 3 كىلوگىرام سۇغا بىر سوتكا چىلاپ ئۇندىن كېيىن 1.5 كىلوگىرام قالغۇچە قاينىتىپ سۈزۈپ شەربەت تەييارلىنىدۇ.
     ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 3 ۋاخ ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن تاماقتىن بۇرۇن ئىچىلىدۇ.
    كېسەللىك ماددىسى پىشقاندىن كېيىن مۇسھىل ئۈچۈن 10 گىرام داۋائى خىيارشەنبەر بىلەن بىرگە 100 گىرام ئەرقى گارۋزىباننى كۈنى كەچتە بىر ۋاخ ئۈچ كۈن بىرلىدۇ.
   ئۇندىن كېيىن قۇرسى بانادۇق مۆتىدىل بىرلىدۇ. تەركىبى: تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، ئوسۇڭ ئۇرۇقى مېغىزى، بىيە ئۇرۇقى ھەر بىرى50 گىرامدىن، سىمىز ئوت ئۇرۇقى 150 گىرام، يالپۇز، زىرە ھەر بىرى 30 گىرامدىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، بادام مېغىزى، كەتىرا، نىشاستە، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى، گىلى ئەرمىنى، تۇخۇمى خەشخاش سەفىت ھەر بىرى 15 گىرامدىن، شاقاقۇل، جوزبۇۋا ھەر بىرى 21 گىرامدىن.
    تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ئەينالۇ، ئىپىغۇل شىرىسى بىلەن يۇغۇرۇپ قۇرۇس تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 3 ۋاخ بەشز دانىدىن 9 دانىغىچە ئىستىمال قىلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button