دىيابېت كېسەللىكلەرسەھىپە ئايرىلمىغان

جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلىنى داۋالاش لاھىيەسى

      جىگەر مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسىلدىمۇ قەنىت سىيىش كىسىللىكدىكى 3 كۆپ 1 ئاز ئالامىتى كۈرۈلىدۇ. قاندىكى قەنىت مىقدارى يۇقۇرى چىقىدۇ. سۈيدۈكتىن قەنىت ماددىسى كۈرلىدۇ. بۆرەك مەنبەلىك قەنىت سىيىش كىسەللىكدىن پارقلىنىدىغان ئالامىتى بىماردا ئۇسۇلۇق بۇرۇن باشلىنىپ ئاندىن كۆپ سىيىش ئالامىتى كۈرلىدۇ. بىمارنىڭ مىزاجى قۇرۇقلۇققا مائىل بۇلىدۇ. ئىغىز تەمى ئاچچىق بۇلۇپ تىلى قۇرغاق كۈرۈلىدۇ.داۋالاشتا ئادى بىلەن سەۋدا بىلەن بەلغەم خىلتىنىڭ مۇنزىچى 9~15 كۈن بىرلىدۇ.  قاندىكى قەنىت ماددىسىنى تۈۋەنلىتىش، ئاشقازان ئاستى بىزىنى ئويغۇتۇپ ئىنسولىن ئىشلەش ئىقتىدارنى ياخشىلاش مەقسىتىدە قۇرسى زىئابىت، سىفوفى زىئابىت بىرلىدۇ. جىگەر ئىقتىدارنى ياخشىلاش مەقسىتىدە شەربىتى بۇزۇرى بانادۇقنى شىكەرسىز تەييارلاپ بىرىش ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇسۇلۇق پەسەيتىش مەقسىتىدە چاھار تۇخۇم تەركىپلىك چايلىق تەييارلاپ بىرىلىدۇ.
      قەنىت سىيىش كىسەللىكنىڭ پەرىزى بەك ئېغىر بۇلۇپ پەرىز تۇتالىغاندىلا كىسەللىك ئۈستىدىن غالىپ كەلگىلى بۇلىدۇ.  تامىقىغا ئاساسلىق ئاق چامغۇر، پېتىگەن(چەيزە)، پالەك، سامساقنى ياش قوينىڭ بۆرەك ياغلىرى بىلەن ئارپا ئېشى ياكى شويلا قىلىپ بىرىش، ئارپا نېنى بىرىش، قۇشۇمچە يېمەكلىكلەردىن بىلىق، قېتىق سۈزمىسى،  كۆك شاپتۇل، ئامۇت قاتارلىقلار بىرىلسە بۇلىدۇ. بۇغداي ئۇنى تامىقى، سوغوق ئىچىملىك، مال گۈشلىرى قاتارلىقلاردىن پەرىز قىلىنىدۇ. يەڭگىل ھەركەت قىلىش، سىمىز كىشىلەر كۈندە 3~4 كىلومىتىر يول مېڭىپ بىرىشنىڭ ئۈنىمى ياخشى.
    تىلغا ئېلىنغان دورىلارنىڭ رىتسىپى:
   بەلغەم بىلەن سەۋدا خىلتىنىڭ نۇسخىسى: گاۋزىبان ھىندى، بادىرەنجىبۇيا، ئۈستىقۇددۇس، ئەفتىمۇن، سەرپىستان، قاراھېلىلە ھەر بىرى 21 گىرامدىن، ئارپا بادىيان، رۇمبادىيان، چىڭسەي ئۇرۇغى، قىزىلگۈل، پىرسىياۋشان، بىخسۇس مۇقەششەر ھەر بىرى 30 گىرامدىن، نېپىز زەنجىۋىل، رەۋەن چىينى ھەر بىرى 12 گىرامدىن، ئەنجۈر قېقى ، قۇرۇق ئۈزۈم 45 گىرامدىن.
     تەييارلىنىشى: رەۋەن، ئەفتىمۇندىن باشقا دورىلارنى چالا سۇقۇپ ئۈزۈمنى تىتىپ 3 كىلوگىرام سۇغا بىر سوتكا چىلاپ ئۇندىن كېيىن 1.5 كىلوگىرام قالغىچە قاينىتىپ سۈزۈپ سۈيىگە رەۋەن چىينى بىلەن ئەفتىمۇننى يۇمشاق سۇقۇپ شەربەتكە قۇشۇپ تەييارلىنىدۇ.
   ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 3 ۋاخ ھەر قېتىمدا 100 گىرامدىن تاماقتىن بۇرۇن ئىچىلىدۇ.
 كېسەللىك ماددىسى پىشقاندىن كېيىن مۇسھىل ئۈچۈن ئايارەنجى لوغانزىيادىن كۈندە بىر ۋاخ 10 گىرامدىن ئۈچ كۈن بىرىلىدۇ. ئۇندىن كېيىن 7 كۈندىن 15 كۈنگىچە ھەببى دىئابىت بىرىلىدۇ.
    قۇرسى زىيابىتنىڭ نۇسخىسى: گۈلدارچىن، سەئىدى كۇفى، شاقاقۇل، تاباشىر، جۇپتى بەللۇت، خۇلىنجان، جوز بۇۋا، يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى ھەر بىرى 30 گىرامدىن، قىزىل گۈل، يالپۇز، سەمىغى ئەرەبى ھەر بىرى 20 گىرامدىن، نېپىز زەنجىۋىل، زۇرەنبات، بالەنگۇ ئۇرۇقى ھەر بىرى 15 گىرامدىن.
   تەييارلىنىشى: دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ بىر ھەسسە ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ نۇقۇت چوڭلۇقىدا ھەب تەييارلىنىدۇ.
    ئىشلىتىش ئۇسۇلى: كۈندە 3 ۋاخ كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ 7 دانىدىن 13 دانىغىچە بىرلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

Back to top button