قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىلىق ۋە پايدىسىز يېمەكلىكلەر
مۇتەخەسسىسلەر يېقىندا قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يېمەكلىكلەر ھەمدە كونتىرول قىلىشقا پايدىسىز بىر قانچە خىل يېمەكلىكنى تونۇشتۇرغان.
بەدەندىكى قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلىشتىكى پايدىلىق يېمەكلىكلەر
پالەك قاتارلىق يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلار: پالەك، ياۋا كاپۇستا، ئۇسۇڭ قاتارلىق كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە فولىك كىسلاتاسى ھەمدە كۆپ خىل ۋىتامىن، ماگىنىي قاتارلىق مىنېرال ماددىلار، ئېرىشچان تالالار بولۇپ، بۇ ماددىلار قاندىكى قەنت مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.
قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەر: ياڭاق قاتارلىق قاتتىق پوستلۇق مېۋىلەرنىڭ تەركبىدە مول ئاقسىل ماددىسى، تويۇنمىغان ياغ ۋە سېلليۇلوزا بولۇپ، ھەر كۈنى 70 گرام قاتتىق پوستىلىق مېۋە يەپ بەرگەندە بەدەندىكى قەنتكە ئايلانغان گېموگلوبىننىڭ مىقدارىنى %8 تۆۋەنلىتىدىكەن.
كىچىك يېسسىمۇق ( ياپىلاق پۇرچاق ): كىچىك يېسىمۇقنىڭ تەركىبىدە ئېرىشچان ۋە تەستە ئېرىيدىغان پايدىلىق تالالار بار ئىكەن، ئېرىشچان تالا ئادەم بەدىنىنىڭ كىراخمالدىكى قەنت مىقدارىنى سۈمۈرۈشىنى ئاستىلىتىدىكەن، تەستە ئېرىيدىغان تالا ھەزىم قىلىش جەريانىنى ئۇزارتىپ قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى تېزلىتىدىكەن.
قارا ئاشلىق: قارا ئاشلىقتىن ياسالغان يېمەكلىكلەر تەركبىدە B گۇرۇپپىسىدىكى ۋىتامىنلار ۋە سېللىيۇلوزا بولۇپ، قان- تومۇر ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئازايتىدىكەن. ئەمما قارا ئاشلىقتا شوۋىگۈرۈچ ئېتىپ يېمەسلىك كېرەككەن.
يېڭى زەيتۇن مېيى: يېڭى زەيتۇن مېيىنىڭ تەركىبىدە كۆپ خىل ئوكسىدلىنىشقا قارشى رېئاكتېۋ ماددا بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ياللۇغلىنىشىنىڭ ھەمدە يۈرەك- قان تومۇر سېستىمىسىنى قوغداپ، قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىپ، قان تومۇرلارنى زەخمىلەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
قاندىكى قەن مىقدارىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىسىز يېمەكلىكلەر
پەمىدۇر قىيامى: پەمىدۇر قىياتىنىڭ تەركىبىدە تۇز ۋە تاتلىق تەم خۇرۇچى بولۇپ، قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
سۈنئىي تاتلىق تەم خۇرۇچى: سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان تاتلىق تەم خۇرۇچى مېتابولىزىم جەريانىنى تۆۋەنلىتىپ، ياغنىڭ يېغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن دىئابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى %67 ئاشۇرۋېتىدىكەن.
مېۋە شىرنىسى: مېۋە شىرنىسى قاندىكى قەنت مىقدارىنى تېزلا ئۆرلىتىۋېتىدىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈن قەنت مىقدارى تۆۋەنلەر مېۋە شىرنىسىنى ئاز ئىچىشى، دىئابېت كېسىلى ئاغرىقلىرى ئىچمەسلىكى كېرەككەن.
ياغ مىقدارى تۆۋەن تاتلىق قېتىق: ياغ مىقدارى تۆۋەن تاتلىق قېتىقنى پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدا تۇراقلاشتۇرغۇچى دورا، قويۇقلاشتۇرغۇچى دورا ۋە شېكەر قوشۇلىدىغان بولۇپ، كۆپ يېگەندە قاندىكى قەنت مىقدارىنى كونتىرول قىلىشقا پايدىسى يوقكەن.
تەنھەرىكەت ئىچىملىكى ۋە ئېنېرگىيەلىك ئىچىملىك: مېۋە شىرنىسىگە ئوخشاشلا، تەنھەرىكەت ئىچىملىكى ۋە ئىنېرگىيەلىك ئىچىملىكنىڭ تەركىبىدىكى قەنت مىقدارى يۇقىرى بولغاچقا، داۋاملىق ئىچكەندە، قاندىكى قەنت مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئۆرلەيدىكەن .